بەكرى مامۇت: ئەسىلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

0 2013-03-07 11:29:56   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

    شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جۇغراپىيەلىك، كىلىمات، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئېتىبار بېرىش، يۆلەش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتتى. مەسىلەن، رايون ھالقىغان سودا، كۆكتات تىراسپورتى مالىيە تولۇقلىمىسى، كونا-يېڭى پارنىكلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تۈرى تولۇقلىمىسى قاتارلىقلار، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپچانلىقىنى يىلمۇ-يىل يۇقىرى كۆتۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كۆلىمى1مىليون 30 مىڭ مودىن ئارتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا ئاساسەن، 2015-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كۆلىمىنى بىر مىليون 500 مىڭ موغا يەتكۈزۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئومۇمىي مىقدارىنى 5 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن قىلغان كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 1000 يۈەندىن ئاشۇرۇش نىشانلانغان بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. پۈتۈن شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2009-يىلىدىن بېرى، تۇرپان ۋىلايىتى كۈن نۇرلۇق پارنىكنى ئاساس قىلغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىمۇ تەرەققىياتقا ئېرىشكەن.

   بىراق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆپ مەبلەغ كېتىدىغان كەسىپ بولغاچقا، ھەر يىلى ھەر بىر پارنىكقا 8000 يۈەندىن يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مەبلەغ  سېلىنىدۇ، مەسلەن كۈچلۈك بوران، جۇدۇن قاتارلىق بىرەر ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرسە، زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە تۇرپاندا بوران كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى زور تەھدىتگە دۇچ كەلمەكتە.  بەكرى مامۇت مۇنداق دېدى: ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك بوران، جۈدۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىسا، بىر قىسىم پارنىكلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازلاپ ھوسۇل ئالغىلى بولمايدۇ، دېھقانلارنىڭ خىيىم-خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەبلىغى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، بۇ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزمەكتە. شۇڭا، مەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博