كىمجۇڭئېن سۈرىيە زۇڭتۇڭىغا تېلگىرامما ئەۋەتىپ سۈرىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

0 2013-03-08 11:08:01   hawar.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى تېلگىراممىسى: چاۋشىيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىئە كومتىتىنىڭ باش كومتىت باشلىقى جىن جېڭئېن 4-چىسلا سۈرىيەنىڭ زۇڭتۇڭى باسار ئاسادقا تەبرىك تېلگىراممىسى يوللاپ، سۈرىيەنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئىنقىلابنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

   جىن جېڭئېن تەبرىك تېلگىراممىسىدا، سۈرىيەنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئىنقىلابنىڭ 50 يىللىق خاتىرىسى ھارپىسىدا ئاساد ۋە دوستانە ئەرەب سۈرىيە جۇمھۇرىيىتى ھەمدە خەلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   تەبرىك تېلگىراممىسىدا، سۈرىيە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كىيىنكى 50 يىلدىن بېرى، سۈرىيە خەلىقىنىڭ ئەرەب قايتا گۈللىنىش جەمىيىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان.

   جىن جېڭئېن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاساد ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەمدە خەلىقىنىڭ " پارچىلىغۇچى دۈشمەن كۈچلەر" نىڭ تۈرلۈك ئىغۋاگەرچىلىكى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقۇملۇقىنى قوغداشتەك ھەققانىي كۆرەشتە غەلبىگە ئىرىشىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاساد رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب قايتا گۈللىنىش جەمىيىتى پارتىيەسى سۈرىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博