قازاقىستان دورا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ

10 2013-03-04 10:45:51   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قازاقىستاننىڭ دورا بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى دورا ياساش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق ئىككى مەسىلە ئاللىقاچان قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يېقىندا قاراغاندا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسى يىغىنىغا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
      دۆلەتنىڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىدا مۇنداق بەلگىلەندى: 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا، زامانىۋى دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمى دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، قازاقىستاننىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنىڭ نىشانى ئىمپورت سالمىقىنى كېمەيتىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە دۇنياۋى سىستېما بىلەن بىر گەۋدىلىشىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
      مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار PMG ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن دورا ۋە OSI گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارمىسا، چەت ئەل بازارلىرىغا ئوڭايلىقچە كىرەلمەيدۇ. شۇڭا باھا جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
      قازاقىستان KS دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورى بېرىك شارىپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارنىڭ دۆلەتنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسىدىكى ئۈلۈشىنى %86 كە كۆتۈرىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر