جۇڭگو شىنجاڭ ئادۋوكاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن مۇلازىمەت بازىرىغا يۈرۈش قىلدى

41 2013-03-04 10:44:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئادۋوكاتچىلىقى قىرغىزىستاننىڭ بىشكېك شەھىرىدە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇشلۇق تۇنجى ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇلۇپ، باشلامچى بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا قانۇن مۇلازىمەت بازىرىغا كىردى.
      ئۈرۈمچى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ساڭ يۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 37 ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى 826 نەپەر كەسىپكار ئادۋوكات (مەخسۇس كەسىپ ۋە قوشۇمچە كەسىپ قىلغان) لاردىن 1821 نەپىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھەم تۈرلۈك كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا قانۇن مەسلىھەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇلار تۈرلۈك دەۋا دېلولىرىدىن 20 مىڭ956نى، غەيرى دەۋا قانۇن ئىشلىرىدىن 1781 نى، قانۇن ياردىمى دېلولىرىدىن 3644 نى بېجىردى، قانۇن ۋە دەۋاغا چېتىلىدىغان 340 تىن ئارتۇق دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاممىنى تۈرلۈك قانۇن مەسلىھەتى ۋە ۋاكالىتەن ئەرز - شىكايەت يېزىش مۇلازىمىتى بىلەن 45 مىڭ 18 ئادەم - قېتىم تەمىنلەپ، 4 مىليارد يۈەنلىك بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرىۋالدى.
      نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئادۋوكاتچىلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتچىلارنىڭ چەت ئەل قانۇن مۇلازىمەت بازىرىغا كىرىشىنى قوللاش ئۈچۈن، قىرغىزىستاننىڭ بىشكېك شەھىرىدە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتى سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسىنى قانۇن مەسلىھەتچىسىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر، 30 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى - سىرتى كارخانىسى ۋە 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى - سىرتى سودىگەرلىرىنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىك باشقارمىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر