3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت بايرىمى ئاياغلاشتى

10 2013-03-04 10:42:56   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت بايرىمى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاياغلاشتى. ئاياغلىشىش مۇراسىمىدا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، شۇنداقلا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان قاتارلىق 8 دۆلەتتىن كەلگەن 17 ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، بۇ نۆۋەتلىك بايرامنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەنتەنە قىلدى.
      بۇ نۆۋەتلىك بايرامدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 280 نەپەر ئۆسمۈر ئۆزلىرى تەييارلىغان ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئاممىغا تەقدىم قىلدى، بالىلار ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، پىكىرلەشتى، ئۆگەندى.
      2010 - يىلىدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت بايرىمىنىڭ تەسىر دائىرىسى يىلسېرى چوڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى جەلپ قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك بايرامغا قاتناشقان دۆلەت ۋە سەنئەت ئۆمىكى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلىلا كۆپ بولدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر