ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆسۈملۈك مېيى بازىرى بارغانسېرى ئىمپورتقا تايىنىپ قالماقتا

17 2013-03-04 10:42:01   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆسۈملۈك مېيى بازىرى بارغانسېرى ئىمپورتقا تايىنىپ قالماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۆزبېكىستان ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى خام ئەشياسى − چىگىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئازىيىپلا قالماستىن، يەنە ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئىستېمال مىقدارىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئۇندىن باشقا، ئىستېمالدىكى تاللاشنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئۆسۈملۈك مېيى ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.
      بەش يىلدىن بۇيان، ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆسۈملۈك مېيى بازىرىدىكى ئومۇمىي مىقدار %60 ئېشىپ، 242 مىڭ 800 توننىدىن 396 مىڭ 100 توننىغا يەتتى. بازار ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، 1.6 ھەسسە ئاشتى، 2004 - يىلى 268 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا، 2010 - يىلىغا كەلگەندە 702 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار يەنە زور قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى.
      ئىلگىرى بىر مەزگىل، ئۆزبېكىستان ئۆسۈملۈك مېيى بازىرىدىكى چىگىت مېيى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغانىدى. لېكىن يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۆزبېكىستان بازىرىدا ئىمپورت ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ ئۈلۈشى بارغانسېرى ئېشىپ باردى. قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە، ئىمپورت قىلىنغان ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى %7 تىن %38 كە يەتتى. ئىمپورت قۇرۇلمىسىدىمۇ زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، پالما مېيىنىڭ ئىگىلىگەن ئۈلۈشى ئەڭ يۇقىرى بولدى، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %22 بولدى. ئېشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولغىنىدىن يەنە كوكۇس مېيى بولۇپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %200 بولدى. كوكۇس مېيىنىڭ ئۆزبېكىستان ئىمپورت قۇرۇلمىسىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى %16 كە يېتىدۇ. بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېھتىياج مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئارتىپ بېرىشىدىكى سەۋەب، ئۆزبېكىستان يېمەكلىك سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئېشىپ كەتتى ھەمدە دۆلەت ئىچىدە تېخىمۇ ئەرزان ئۆسۈملۈك مېيىنى خام ئەشيا قىلىنىدىغان قايماقنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى.
      نۆۋەتتە، ئاپتاپپەرەس مېيى بىلەن زاراڭزا مېيى ئۆزبېكىستان ئۆسۈملۈك مېيى بازىرىنىڭ %28ئۈلۈشىنى ئىگىلىمەكتە. يۈزەكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، پارچە سېتىش بازىرىدا ئاپتاپپەرەس مېيى بىلەن زاراڭزا مېيىنىڭ ئىگىلىگەن ئۈلۈشى تەخمىنەن %50 كە يېتىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئاپتاپپەرەس مېيى ئەڭ ئومۇملاشقان، »ئىنتايىن ئوڭايلا سېۋالغىلى بولىدىغان« ئۆسۈملۈك مېيى ھېسابلىنىدىكەن، چۈنكى ھەرقانداق مىلىچمال دۇكىنىدىن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىگىت مېيىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، سودا كارخانىلىرى مەخسۇس تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەككەن.
      يەنە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، زەيتۇن مېيىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۆسۈملۈك مېيى بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى داۋاملىق ئاشماقتا. گەرچە زەيتۇن مېيىنىڭ ئۆسۈملۈك مېيى ئىمپورت قۇرۇلمىسىدا ئىگىلەيدىغان سالمىقى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىمپورت مىقدارى ھەسسىلەپ ئارتماقتا، 2008 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە %300 ئارتتى. زەيتۇن مېيىنىڭ پارچە سېتىش بازىرىدا پۈتۈنلەي ئوبوروت قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ ئېشىش نىسبىتى بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
                

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر