رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ نېفىت ئېكسپورت بېجىنى ھازىرقى ھەر توننىسى 419.8ئامېرىكا دوللىرىدىن 369.3 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىتىلگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى %12 كە يېتىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭلىسى بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئىمزا قويغان مۇناسىۋەتلىك پەرمانغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ »ئورال« ماركىلىق نېفىتىنىڭ ئېكسپورت باھاسى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، 7 - ئايدىن باشلاپ رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت بېجىنى ئېلىش ئۆلچىمىمۇ مۇناسىپ تۆۋەنلىتىلگەن.
يېنىك ۋە ئېغىر نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر توننىسىدىن ئېلىنىدىغان ئېكسپورت بېجى ھازىرقى 277 ئامېرىكا دوللىرىدىن 243.7 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈرۈلگەن، بېنزىننىڭ ھەر توننىسىدىن ئېلىنىدىغان ئېكسپورت بېجى ھازىرقى 377.8 ئامېرىكا دوللىرىدىن 332.4ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈرۈلگەن.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتى ھەر ئايدا خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىغا ئاساسەن، نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت بېجى ئۆلچىمىنى بىر قېتىم تەڭشەيدۇ.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى يېڭى ئېكسپورت بېجى تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى. يېڭى باج ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتى تاموژنا بېجىنى ھېسابلاش كوئېففىتسېنتى ئىلگىرىكى %65 تىن %60 كە چۈشۈرۈلىدىكەن، يېنىك ۋە ئېغىر نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت بېجى نېفىت ئېكسپورت بېجىنىڭ %66 ى بويىچە بولىدىكەن، لېكىن بېنزىن ئېكسپورت بېجىنى ھېسابلاش كوئېففىتسېنتى %90 بولىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...