رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى تەستىقلىدى

44 2013-03-01 11:56:47   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى فېدېراتسىيە قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى. بۇ رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي تەرتىپنىڭ تاماملانغانلىقىدىن، 8 - ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
      رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى) بىلەن فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنتنىڭ يۇقىرى پالاتاسى) 7 - ئاينىڭ 10 - ۋە 18 - كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ماقۇللىغان.
      دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي تاموژنا بېجى سەۋىيەسى ھازىرقىدىن تەخمىنەن 3.5 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىتىلىپ، تەخمىنەن %6 كە چۈشۈرۈلىدۇ. قىسمەن تۇيغۇن تاۋارلارنىڭ قوغدىنىش مەزگىلى 5 يىلدىن 7 يىلغىچە بولىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمىدە رۇسىيە مال سودىسى بازار ئىجازىتىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېلىشىمىدىن 75 نى ۋە مۇلازىمەت سودا بازىرى ئىجازىتىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېلىشىمىدىن30 نى ئىمزالىدى. رۇسىيەنىڭ قىسمەن تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ۋە بازارغا كىرىش ئىجازىتىدە ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن بەھرىمەن بولغاندىن باشقا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر