جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرىدە ئىش باشلاندى

75 2013-03-01 11:55:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھازىرغىچە ئىمزالىغان ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرى »داتكا - كېمۇن«500كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا قىرغىزىستاننىڭ داتكا دېگەن يېرىدە ئۇل سېلىنغان. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋېن قاتارلىقلار ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
      »داتكا - كېمۇن« 500 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ توختام سوممىسى 389 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن، قۇرۇلۇش مۇددىتى 63 ئاي قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېلېكتىر تورىنى ياخشىلاش تۈرىدىن كېيىن، ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قىرغىزىستاندا ئۈستىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ساتقۇچى ئېتىبارلىق كىرېدىتىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىنىدىغان مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى ئىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇستەقىل توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، جەنۇب - شىمال ئېلېكتىر تورىنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىر كۈچى جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتنى سۇچىلىق، ئېلېكتىر كۈچىگە تايىنىپ گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىنىدىكەن، قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتىر تورى بىخەتەرلىكى كۈچىيىدىكەن ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا پايدىلىق، تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.
      ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قۇرۇلۇش جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئابىدە، ئۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
      ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى، بۇ كارخانىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئامېرىكا، ھىندىستان، رۇسىيە قاتارلىق 60 نەچچە دۆلەتكە تارقالغان. 2012 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1 ھەسسە ئاشقان.
   

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر