ئامراق پىكاپى ئۈچۈن مۆلدۈرنى بەدىنى بىلەن توسقان ئارگىنتىنالىق ئەر

470 2013-02-28 11:44:15   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى : سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ پىكاپىنى ياخشى كۆرەمسىز ، بەزى ئادەملەر ئاپتوموبىل ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلىپ ، ياساپ ئاۋايلاپ ھەيدەيدۇ . بىراق ئارگىنتىنا بىر ئەر ئەخمەقلەرچە ، پىكاپ ئۈچۈن تاس قالغان ئۆزىنى ھاياتىنى سېلىپ بەرگىلى ، چۈنكى ئۇ مۆلدۈرنىڭ ماشىنىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ قۇيىشىدىن ئەنسىرەپ ، پىكاپنىڭ ئۈستىدە يېتىپ ، پىكاپ ئۈچۈن كۈنلۈك بولغان .

   خەۋەردە دىيىلىشىچە ، ئارگىنتىنادا دېڭىز قىرغىقىدىكى شەھەرMar Del Plata دا يېقىندا تۇيۇقسىز مۆلدۈر ياغقان . بىر ئەر قىسىقا ئىشتان كىيگەن ھالەتتە مۆلدۈرنىڭ پىكاپنى سىرىنى چۈشۈرۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، پىكاپ ئۈستىگە چىقىپ مۆلدۈرنى بەدىنى بىلەن توسقان . بىراق ئۇنىڭ قولى ۋە پۇتىلىرى مۆلدۈرنىڭ تەسىرىدە قىزىرىپ كەتكەن ، بىراق ئۇ ئامراق پىكاپىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىدىن خوشال بولغاچقا ، بەدىنىدىكى ئاغرىق ئازابىنى ئۇنتۇپ قالغان . بۇ سۈرەت توردا تارقالغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن تورداش ھەر خىل قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بىراق بەزى ئادەملەر ، ئاپتوبىل ئۈستى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان جاي ، شۇڭا بۇ ئەرنىڭ ئەخمەقلەرچە بۇ قىلىقى ئازراق بىمەنىلىك دەپ ئويلىغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博