سومالى بىلەن ياۋروپادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى

9 2013-02-28 11:25:56   جۇڭگورادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
          سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شېيىخ مەخمۇت تۈنۈگۈن پايتەخت موقدىشۇدا گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە ۋە فىللاندىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ سومالىدا يېڭىدىن تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى سۇنغان دۆلەت مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ سومالىنىڭ يۇقارقى بەش دۆلەت بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  سومالى 1991-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ «ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى»نىڭ سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئىچكى ئۇرۇشى سومالى ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلغانلىقتىن، چەتئەل ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى نائىلاج بۇ يەردىن ئايرىلغان ئىدى. 2012-يىلى سېنتەبىردە سومالى يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇردى. نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ سومالى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博