شوخلا ئۆسۈش جەريانىدا بەزى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن مېۋىسى سېسىپ كېتىدۇ. تۆۋەندە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى تونۇشتۇرىمىز:
      يۇمشاش كېسىلى
      كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %40 لىك ئېتىل فوسفانات  پاراشوكىنىڭ 200 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقى ياكى %64 لىكساندوفان - 8M  پاراشوكىنىڭ 500~400 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى ھەر 107~ كۈدە 1 قېتىم، ئۇدا 4~3 قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ.
      كىندىك چىرىش كېسىلى 
      مۇۋاپىق سۇغۇرۇش، يەنى ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم سۇغۇرۇش، ئەتىگەن، كەچتە سۇغۇرۇش، باستۇرۇپ سۇغارماسلىق كېرەك. مېۋە مەزگىلىدە %1 لىك كالتسىي سوفېرفوسفات  ئېرىتمىسىنى ياكى %0.2 لىك كالىي دى ھىدرو فوسفات ئېرىتمىسىنى يوپۇرماققا پۈركۈش كېرەك. ئادەتتە چېچەكلىگەندىن باشلاپ ھەر 15 كۈندە 1 قېتىمدىن 3~2 قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ.
      كۈلرەڭ پاختىلىشىش كېسىلى 
      %75 لىك داكونىل  پاراشوكىنىڭ 5000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى %50 لىك مېتىل توپسىن  دىن g150 نىgk75 سۇدا ئېرىتىپ پۈركۈش كېرەك.
      يارا كېسىلى 
      دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سترېپتومىتسىن  دىن gm200 نى gk1 سۇدا ئېرىتىپ ئۇنىڭغا ئۇرۇقنى 2 سائەت چىلاپ تېرىش، كېسەل تۈپلەر بايقالسا ۋاقتىدا يۇلىۋېتىش كېرەك. %14 لىك «TB»  دورىسىنىڭ 300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى، سترېپتومىتسىن سۇلفاتتىن gm250~200 نى gk1 سۇدا ئېرىتىپ، ھەر 7~6 كۈندە 1 قېتىم، ئۇدا 3~2 قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ.
      كۆيدۈرگە كېسىلى 
      بۇنىڭدا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك، كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: (1) ئالماشتۇرۇپ تېرىش؛(2)ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىپ تېرىش؛(3) مايسا قالدۇرۇلۇپ 3~2 ھەپتىدىن كېيىن، ھەر 10 كۈندە 1 قېتىمدىن زېنىبنىڭ 500~400 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش ياكى دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سترېپتومىتسىندىن gm400~200 نى gk1 سۇدا ئېرىتىپ، ھەر مو يەرگە gk75 دىن پۈركۈش كېرەك. 
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...