ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋىتىشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش تەدبىرى

15 2013-02-28 10:45:57   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      2011 - يىلى 2 -ئايدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۈزەل - سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىقلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىرى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدا 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق گۈزەل - سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى ھەقسىز مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، »ئاممىۋى بوشلۇقتىكى ئەسلىھە، مەيدانلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش، ئاساسلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ھەقسىز قىلىش« نى تەلەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت  ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ دۆلىتىمىزدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئىشلىرىغىمۇ يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.
      1. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋىتىشنىڭ ئەھمىيىتى
      1.1 جامائەت مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى
      ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسلىقى جەمئىيەتنىڭ باراۋەرلىكى بىلەن خەلقنىڭ ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىك ئېڭى بىلەن ھوقۇق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر كۇتۇپخانىغا كىرىپ بىلىم ئېلىشنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن بۇسۇغىلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئادەتتە باراۋەرلىك پىرىنسىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش كۇتۇپخانىلارنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرىنى نامايەن قىلىش ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز ئېچىۋېتىش چارىسى قىسمەن كىشىلەر توپىنىڭ كىتابتىن يىراقلىشىشىدەك رىئاللىقنى ئۆزگەرتىپ، پۇقرالارنىڭ ھەممىسى كۇتۇپخانىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كۇتۇپخانىغا كىرىپ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
      2.1 ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە
      ئىلگىرى بىر قىسىم كۇتۇپخانىلار يىللىق تەكشۈرۈش ھەققى، سومكا ساقلاش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئېلىپ، بىر قىسىم تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى ئىشىك سىرتىدىلا رەت قىلىنىپ، كۇتۇپخانىنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرى تولۇق گەۋدىلەنمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تەشۋىقات يېتەرلىك بولمىغاچقا، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۇتۇپخانا ئېڭى ئالدىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرەپ. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش ئادەتتە قىرائەتخانا قاتارلىق ئاممىۋى بوشلۇقلارنىڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن ئاساسلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىشى، ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ قۇلايلىق ھالدا ھۆججەت ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى لېكسىيە ئاڭلاش، كۆرگەزمە - ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئىلمىي دوكلات يىغىنى، ھېكايە ئاڭلاش، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ مەدەنىيەت مائارىپى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
      2. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ھەقسز ئېچىۋېتىشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر
      1.2 كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقسىز مۇلازىمەت چۈشەنچىسى يېتەرسىز
      كەڭ خەلق ئاممىسى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، پۈتۈنلەي ھەقسىز مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، ھېچقانداق ھەق ئېلىش سالاھىيىتى يوق، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ھەقسىز ئېچىۋېتىش يىللىق تەكشۈرۈش ھەققى، ماتېرىيال ئىزدەش ھەققى، سومكا ساقلاش ھەققى قاتارلىق بىر قىسىم ھەقلەرنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم 50 يۈەن رەنە پۇلى تاپشۇرۇپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بېجىرىدۇ، شۇنداقلا بىر كىنىشكىغا 2 كىتاب ئارىيەت ئالغىلى بۇلىدۇ. قايتۇرۇش ۋاقتى28 كۈن بولۇپ، مۇبادا كۆرۈپ بولالمىسا، تېلېفون قىلىش ياكى تورغا چىقىش ئارقىلىق يەنە28كۈن ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ 65 كۈن ئېچىدە كىتاب قايتۇرۇلمىسا، كۈنىگە بىر كىتاب 1 مودىن جەرىمانە ھەققى (ياشانغانلاردىن بۇ ھەق ئېلىنمايدۇ) ئېلىنىدۇ. بۇنى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر چۈشەنمەيدۇ. شۇنداقلا كۇتۇپخانىلار ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئارىيەت ئالغان كىتاب قاچان قايتۇرۇلسا، ھەق ئالماسلىقىڭلار كېرەك، دەپ ئويلايدۇ.
      2.2 جىمجىت بولغان قىرائەتخانىلار ۋە ئارىيەت بۆلۈملىرىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشى
      بۇرۇن كۇتۇپخانىغا كىرىپ ماتېرىيال كۆرمەكچى بولغانلار ۋاقىتلىق كىنىشكە بېجىرىپ كىرەتتى. ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇ ھەق ئۆلچىمى بىكار قىلىندى. كۇتۇپخانىلارنىڭ ھەقسىز مۇلازىمىتى كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ھەرقانداق بىر خەلق ئاممىسىغا مەيلى ئىشلەمچى ياكى تىلەمچى بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر كۇتۇپخانا ئىشىكى كەڭ ئېچىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كۇتۇپخانىلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى كۆپەيدى. شۇنداقلا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بۆلۈملىرىدە ئورۇن تۇتۇش تەس بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر يەنە ئارىيەت بۆلۇملىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىدىغان، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىدىغان سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
      3.2 كۇتۇپخانا خادىملىرىنىڭ خىزمەت بېسىمىدىكى ئۆزگىرىش
      ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت كۇتۇپخانىلارنىڭ خىراجىتىنى كۆپەيتتى. ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار خىراجىتى كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، كۆپلىگەن يېڭى كىتابلارنى كىرگۈزۈش بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى، كۇتۇپخانا خادىملىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇردى.

         4.2 كىتابلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى      كۇتۇپخانا خادىمى ئاز، ئوقۇرمەنلەر كۆپ بولۇپ، كۇتۇپخانا خادىمى ھەربىر ئوقۇرمەنلەرنى نازارەت قىلىپ بولالمىغانلىقتىن ساقلانغان كىتاب ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. مەسىلەن: (1) قىزىق نۇقتا كىتابلار يەنى ئىمتىھان بېرىش قوللانمىسى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەشىق ئىشلەش دەپتىرىگە ئايلاندى؛ (2) كىتابلارغا قالايمىقان بەلگە قويۇش كۆپەيدى. بەزى ئوقۇرمەنلەر ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى سىزىپ بەلگە قويدى؛ (3) بەزى كىتابلارنىڭ بەت سانلىرى يىرتىلدى. يەنى سەنئەت تۈرىدىكى كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەر ئاز ساندىكى ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن يىرتىۋېتىلدى. (4) بەزى ياخشى كىتابلارنىڭ چاپانلىرى سالدۇرۇلۇپ، كىتابنىڭ ئىچى يوقالدى، ۋەھاكازالار.
      3. كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى
      ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش بىر خىل باشقۇرۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى كۇتۇپخانا كەسپى قىممەت قارىشىدىكى بىر قېتىملىق يۈكسىلىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۇتۇپخانىلارنى تاللاش ھوقۇقى بار، ئەكسىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى تاللاش ھوقۇقى يوق، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشلىرىنى باھانە قىلىپ ئۇلارنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق. ھەقسىز ئېچىۋېتىشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدىبىرلىرى تۆۋەنكىدەك:
      1.3 باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قائىدە - تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش
      ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى، ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدىكى ئوقۇرمەنلەر توپىغا قارىتا باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قائىدە - تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلاش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۇتۇپخانىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئارقىلىق، كۇتۇپخانا خادىملىرىنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇرمەنلەر مۇلازىمەت تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنى ئېچىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
      2.3 مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ھەقسىز مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
      يۇقىرىدىكى جەدۋەللەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى كىتابنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە كىتاب ئوبوروت مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى كۇتۇپخانا خادىملىرىنىڭ خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇردى.
      ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ ھەقسىز مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ھۆججەت - ماتېرىيال بايلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇندىن كېيىن، قاتلام بويىچە مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۇتۇپخانىدىن پايدىلىنىش مەقسىتى بىلەن چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا نىسبەتەن، ئوخشاش بولمىغان مەزمۇندىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كىرەك. مۇتەخەسسىس تۈرىدىكى ئوقۇرمەنلەر نىسبەتەن مەخسۇس تېمىلىق مۇلازىمەت قىلىش، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش، ۋاكالىتەن تەكشۈرۈپ، تەرجىمە قىلىپ بېرىش قاتارلىق چوڭقۇر قاتلاملىق مۇلازىمەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رازىمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئەكسىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىلىم قاتلىمى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ئوقۇرمەنلەرگە ئىزدەش ئۇسۇلى، ئوقۇش ئۇسۇلىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بۇ كۇتۇپخانا مۇلازىمىتى ھەم خەلقچىللىق كۆيۈنۈشنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشنى ھەم كۇتۇپخانا خادىملىرىدا يۈكسەك كەسىپ روھى بىلەن تەجرىبىلىك كەسىپ ئەھلى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇلازىمەت مەزمۇنى بىلەن مۇلازىمەت ۋاستىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى مۇلازىمەت مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كىرەك. مەسىلەن: كىتاب ئارىيەت ئېلىش رايونىغا سەمىمىي ئەسكەرتىش چاپلاش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى كىتابلارنى ئاسراش، كىتابلارنى ئەسلى ئورنىغا قايتۇرۇشقا، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ئەسەرلەرنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا ئەسكەرتىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، كۇتۇپخانا خادىملىرى ئۈنۈملۈك تۈردە ناچار قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماجرالارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىناق ئوقۇش مۇھىتىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتىشى كېرەك.
      3.3 تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، ئوقۇرمەنلەر تەربىيەسىنى كۈچەيتىش
      ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش جەريانىدا، باشقۇرۇشنى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم پائال تۈردە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئالاقىدار قائىدە - تۈزۈملەرنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەر ئىشەنچ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىمىي پەزىلىتى بىلەن قائىدە - تۈزۈمگە رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچىدىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تور بەتلىرى بىلەن كۇتۇپخانا ئىچىدىكى تەشۋىقات سەھنىسى ئارقىلىق، ئاممىۋى كۈتۈپخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تەسىرىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، كۇتۈپخانىغا كىرىش كۆرسەتمىسىنى تارقىتىش، لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قارىتا كۇتۇپخانىغا باشلاپ كىرىش تەشۋىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قائىدە - تۈزۈملەرنى تەشۋىق قىلىش بىلەن چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇرمەنلەرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۇتۇپخانىنىڭ كىتابلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، كىتاب ئىزدەش ئۇسۇلى، كىتاب ئارىيەت ئېلىش ھوقۇق دائىرىسى بىلەن ئارىيەتكە ئېلىش مۇددىتى، كىتاب - ژۇرناللارنى ئاسراش تەلىپى بىلەن ۋاكالىتەن كىتاب ئارىيەت ئېلىش تاختىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئىگىلىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، نۇتۇق سۆزلەش، ماقالە قوبۇل قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە سەمىمىي بولۇپ لەۋزىدە تۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، يەنە كۇتۇپخانا پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىشتەك ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.
      ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش بولسا كۇتۇپخانا ئىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىدىكى يېڭى خىرىس ۋە يېڭى پۇرسەتتۇر. شۇڭا كۇتۇپخانا خادىملىرى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بۇ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسى
نى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۇتۇپخانا كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە يېتىشىمىز ھەم ھەر ساھەدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر