مۇچنىڭ يوپۇرمىقى پۈرلىشىپ، تۈپلەردە يىگىلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋىرۇس كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ئادەتتە سالجا ئارقىلىق يۇقىدۇ، كۆپىنچە كەڭ دائىرىدە يۈز بېرىدۇ. مۇچ چېچەكلەپ مېۋە بېرىۋاتقان مەزگىلدە ۋىرۇسلۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانسا، چېچىكى، مېۋىسى كۆپلەپ تۆكۈلۈپ، مۇچ چۈشۈش نىسبىتى ۋە مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا ھوسۇل بەرمەيدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش تەدبىرلىرى
مۇچتا يوپۇرماق پۈرلىشىپ يىگىلەش كېسىلى بايقالسا، ئۆسۈملۈك ۋىرۇس ۋاكسىنىسى نىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، مەنجىسى نىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، شېننوڭسۇئاۋخې ئوغۇتى نىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ئارىلاشمىسىنى ياكى بىڭدۇبىكې نىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، ساۋمەنجىڭ نىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، تۇجۈەنجيا نىڭ 800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ئارىلاشمىسىنى ھەر 10~7 كۈندە 1 قېتىمدىن ئۇدا 32 قېتىم، يوپۇرماقلارغا تەكشى، سۇ تامچىسى ئېقىپ چۈشكىدەك پۈركۈسە، نورمال ئۆسۈشىنى ۋە چېچەكلەپ مېۋىلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
كېسەللىك كۆرۈلمىگەن تۈپلەرگە «ۋىرۇس - A« A نىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى بىلەن لورسىبان نىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ئارىلاشمىسى ياكى ئۆسۈملۈك ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى بىلەن نوڭدىلې نىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ئارىلاشمىسىنى ھەر 15~10 كۈندە 1 قېتىمدىن ئۇدا 3~2 قېتىم پۈركۈسە، يوپۇرماقلار پۈرلىشىش، تۈپلەر يىگىلەش ئەھۋاللىرى قايتا كۆرۈلمەيدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...