قازاقىستان قاتناش تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا نەزەر

56 2013-02-27 11:33:14   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       قازاقىستان ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، زېمىنى ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىگە يېيىلغان. قەدىمكى زاماندا بۇ يەر يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىدى. ھازىر بۇ يەر ياۋروئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بوغۇزىغا ئايلاندى، ئۇ شەرقتىن غەربكە يۈزلەنگەن بولۇپ، قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەزكۇر دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىپورتى تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىئاتسىيە، تۇرۇبا يولى ۋە سۇ يولى تىرانسىپورتىدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تەشكىل قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆمۈريول بىلەن تاشيول ئەڭ ئېغىر يۈك توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان؛ تۇرۇبا يولى ئاساسلىقى خام نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ۋە تەبىئىي گاز توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان؛ ئاۋىئاتسىيە ئەڭ تېز ۋە ئەڭ قۇلايلىق بولغان ئاز مىقدارلىق يولۇچى - يۈك تىرانسىپورتىدۇر؛ سۇ تىرانسىپورت مىقدارىمۇ كۆپ ئەمەس. تۆۋەندە مەن ھەرقايسى تىرانسىپورت تۈرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالماقچىمەن.
      1. تۆمۈريول تىرانسىپورتى
      تۆمۈريول تىرانسىپورتى قازاقىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم تىرانسىپورت تارماقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۇنجى تۆمۈريول دېڭىزى تۆمۈريولى 1888~ 1880 - يىللىرى ياتقۇزۇلغان. ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى كراسنوۋودسك )ھازىرقى تۈركمەنباش پورتى(بولۇپ، ئاخىرقى نۇقتىسى تاشكەنت شەھىرى، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 6281 كىلومېتىر. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىككىنچى تۆمۈريول، قازاقىستاندىكى تۇنجى تۆمۈريول 10 يىلدىن كېيىن يەنى 1905~1899- يىللىرى ياتقۇزۇلدى، بۇ تۆمۈريولنىڭ پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 1854 كىلومېتىر. 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر، قازاقىستاندا جەمئىي 15 مىڭ 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۆمۈريول ياتقۇزۇلدى )بۇنىڭ ئىچىدە 4100 كىلومېتىرى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول(. بۇ تۆمۈريوللارنىڭ پۈتۈن يىللىق مال توشۇش مىقدارى 261 مىليون توننىغا، يولۇچى توشۇش مىقدارى18 مىليون100مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.
      قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ تۆمۈريول تىرانسىپورتىدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ باشقا تارماقلىرىغا ئوخشاش قالايمىقانچىلىق كۆرۈلدى ۋە يولۇچى - يۈك توشۇش مىقدارى ئازىيىپ كەتتى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىنلا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
      2. تاشيول تىرانسىپورتى
      قازاقىستاننىڭ تاشيول تىرانسىپورتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. گەرچە قازاقىستاننىڭ زېمىنى كەڭ بولسىمۇ، لېكىن تاشيول تورى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، قاتناش قۇلايلىق. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 《پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى يوللىرىنى غول لىنىيە قىلغان》، 《جۇمھۇرىيەت يوللىرىنى ئاساس قىلغان》، 《ئوبلاست يوللىرىنى شاخ قىلغان》 ئۈچ دەرىجىلىك تاشيول سىستېمىسىنى بەرپا قىلغانىدى. 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قازاقىستاندىكى تاشيولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 91 مىڭ 600 كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق يۈزلۈك تاشيولنىڭ ئۇزۇنلۇقىلا89مىڭ 700 كىلومېتىر.
      قازاقىستاندا ھازىر 6 قاتناش غول لىنىيەسى بار، ئۇلار شەرقىي قازاقىستان غول لىنىيەسى )ئالمۇتا - ئۇست - كامېنوگورسك(، شىمالىي قازاقىستان لىنىيەسى )ئاستانە - پېتروپاۋلوۋسك(، ئالمۇتا - بىشكېك - تاشكەنت لىنىيەسى، ئالمۇتا - قاراغاندا - ئاستانە لىنىيەسى، ئاتراۋ - ئۇرال لىنىيەسى، پاۋلودار - ئاستانە - قۇستاناي لىنىيەسىدىن ئىبارەت. 2007 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت تاشيول تورى ئارقىلىق مال توشۇش مىقدارى 1 مىليارد 766 مىليون توننىغا، يولۇچى توشۇش مىقدارى 11 مىليارد 140 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ.
      تاشيول تىرانسىپورتى قازاقىستاننىڭ تىرانسىپورت ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاشيول تىرانسىپورتى ئارقىلىق توشۇلغان يۈك مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توشۇلغان يۈك مىقدارىنىڭ %78.5 ىنى ئىگىلىگەن، يولۇچى توشۇش مىقدارى بولسا پۈتۈن مەملىكەت يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ %8.99 ىنى ئىگىلىگەن. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، خۇددى تۆمۈريول تىرانسىپورتىغا ئوخشاشلا، تاشيول تىرانسىپورتى ئارقىلىق ئارقىلىق يولۇچى - يۈك توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە كېمىيىپ كەتكەن، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
      3. ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتى
      قازاقىستاننىڭ پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلدى. 1936 - يىلى ئالمۇتا - موسكىۋا نۆۋەتلىك ئايروپىلانىنىڭ رەسمىي قاتنىغانلىقى قازاقىستان پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ۋەتەن ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتىمۇ ئۇچقاندەك راۋاجلاندى.
      نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن ئوبلاست مەركەزلىرى ۋە چوڭ شەھەرلەردە قەرەللىك نۆۋەتلىك ئايروپىلان قاتنىشى تەسىس قىلىندى. ئالمۇتا بىلەن ئاستانە بولسا قازاقىستاندىكى ئىككى ئەڭ چوڭ ئايروپورت بولۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرى )موسكىۋا، كىيېۋ، تاشكەنت قاتارلىقلار( ئارا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىغاندىن باشقا، يەنە 13 دۆلەتتىكى 27 شەھەر ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەملىكىتىمىزدىكى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىمۇ بار.
      ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتى تۈرلۈك تىرانسىپورت شەكىللىرى ئىچىدە ئەڭ تېزى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن توشۇش مىقدارى ئىنتايىن ئاز. ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتى ئارقىلىق توشۇلغان يۈك مىقدارى پۈتكۈل قازاقىستان بويىچە توشۇلغان ئومۇمىي يۈك مىقدارىنىڭ ئاران %0.0021 ىنى ئىگىلىگەن، يولۇچى مىقدارى بولسا ئاران %0.240 ىنى ئىگىلىگەن. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتىدىمۇ تۆمۈريول ۋە تاشيول تىرانسىپورتىغا ئوخشاشلا يولۇچى - يۈك توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
      4. تۇرۇبا يولى تىرانسىپورتى
      قازاقىستاننىڭ تۇرۇبا يولى تىرانسىپورتى ئاساسلىقى خام نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. نېفىت سانائىتى ۋە تەبىئىي گاز سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تۇرۇبا يولى تىرانسىپورتىمۇ بارلىققا كەلدى ھەم تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى. نۆۋەتتە، تۇرۇبا يولى تىرانسىپورتى قاتناش تىرانسىپورتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ توشۇش مىقدارى تۆمۈريولنىڭكىدىن كېيىنلا بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نېفىت - تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىدىن جەمئىي 8 ى بار، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 71 مىڭ كىلومېتىر )بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7 مىڭ كىلومېتىر، تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر(. بۇ تۇرۇبا يوللىرى ئارقىلىق توشۇلغان نېفىت - تەبىئىي گاز مىقدارى 194 مىليون توننا بولۇپ، قازاقىستان ئومۇمىي يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ %9.13 ىنى ئىگىلەيدۇ. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورتلىرىنىڭ ئەكسىچە، تۇرۇبا يولى تىرانسىپورتى ئارقىلىق توشۇلغان يۈك مىقدارى تۈز سىزىقلىق ھالەتتە يۇقىرىلاپ، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۈك توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە كېمىيىپ كېتىش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولدى، بۇ تۇرۇبا يولى تىرانسىپورتىنىڭ مۇقىم ئېشىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
      5. ئىچكى دەريا تىرانسىپورتى
      قازاقىستاندا گەرچە 85 مىڭدىن كۆپ دەريا بولسىمۇ، لېكىن سۇ يولى تىرانسىپورتى ئېلىپ بېرىلغىنى ئىنتايىن ئاز. نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ سۇ يولى تىرانسىپورتى ئاساسلىقى ئىرتىش دەرياسى، ئىلى دەرياسى، سىر دەرياسى ۋە ئارال دەرياسىنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا توشۇش ئارىلىقى بىرقەدەر قىسقا بولۇپلا قالماستىن، يەنە يۈك توشۇش مىقدارىمۇ كۆپ ئەمەس. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستاننىڭ ئىچكى دەريا تىرانسىپورت لىنىيەسى4100 كىلومېتىر بولۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىمۇ ئاران 1 مىليون 300 مىڭ توننا، يولۇچى توشۇش مىقدارى 50 مىڭ ئادەم قېتىم. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قازاقىستاننىڭ ئىچكى دەريا تىرانسىپورت مۇساپىسى قىسقىراپ بېرىۋاتىدۇ، يۈك توشۇش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. ئومۇمەن، قازاقىستاننىڭ ئىچكى دەريا تىرانسىپورتىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچى چوڭ ئەمەس.بۇنىڭ ئەكسىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كاسپى دېڭىزىدىكى سۇ يولى تىرانسىپورتىمۇ تېز سۈرئەتتە راۋاجلانماقتا.
      

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر