قازاقىستان دۇنيا بويىچە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، تىپىك قۇرغاق سۇ كەمچىل رايون ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستاننىڭ سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى دەريا سۈيىدۇر. سىر دەرياسى قازاقىستاندىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئەڭ چوڭ دەريا ئېقىنى بولۇپ، قىرغىزىستاندىن باشلىنىدۇ، تۆت دۆلەتتىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 9122 كىلومېتىر، يىللىق ئېقىن مىقدارى 83 مىليارد كۇب مېتىر؛ ئىلى دەرياسى قازاقىستاننىڭ نارىنقول رايونىدىن جۇڭگونىڭ تېكەس دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، كېيىن كۈنەس دەرياسى ۋە قەشقەر دەرياسىغا قوشۇلىدۇ، ئاندىن غەربكە ئېقىپ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 4161 كىلومېتىر، يىللىق ئېقىن مىقدارى10مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر؛ ئىرتىش دەرياسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدىن باشلىنىپ قازاقىستاندىن ئېقىپ ئۆتۈپ، رۇسىيە زېمىنى تەۋەلىكىدىكى ئوب دەرياسى بىلەن بىرلىشىدۇ ۋە ئاخىرىدا شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 8424 كىلومېتىر، قازاقىستان تەۋەلىكىدىكى يىللىق ئېقىن مىقدارى 9 مىليارد 006 مىليون كۇب مېتىر؛ ئۇرال دەرياسى رۇسىيەدىكى ئۇرال تېغىنىڭ شەرقىي ئېدىرلىقىدىن باشلىنىپ جەنۇبقا ئېقىپ قازاقىستان زېمىنىدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرىدا كاسپى دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 2428 كىلومېتىر، يىللىق ئېقىن مىقدارى 12 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر.
دېڭىز - كۆللەر قازاقىستان سۇ مەنبەسىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كاسپى دېڭىزى دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق كۆل بولۇپ، 374 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ۋولگا ۋە ئۇرال قاتارلىق 130 چوڭ - كىچىك دەريا ئېقىنلىرى كاسپى دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قۇيۇلىدىغان تاتلىق سۇ مىقدارى 286 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ؛ ئارال دېڭىزى كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئورتاق باشقۇرىدۇ، يەر مەيدانى 46 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 35 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 68 مېتىر، سۇ ساقلاش مىقدارى 696 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ؛ بالقاش كۆلى قازاقىستاننىڭ شەرقىگە يەنى ئالمۇتا ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى 18 مىڭ 200كىۋادرات مېتىر، كۆل سۈيىنىڭ شەرق تەرەپتىكىسى تۇزلۇق سۇ، غەرب تەرەپتىكىسى تاتلىق سۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلىقى 6 مېتىر، سۇ ساقلاش مىقدارى 10 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە قاپچاغاي سۇ ئامبىرى، ساسىقكۆل، تېڭىز كۆلى قاتارلىق ئاز بولمىغان ئوتتۇرا ۋە كىچىك سۇ مەنبەلىرى بار. گەرچە قازاقىستان زېمىنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان سۇ مىقدارى )يەر ئاستى سۈيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( يىلىغا100مىليارد كۇب مېتىرغا يەتسىمۇ، لېكىن قازاقىستاندا يىلىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان مۇقىم سۇ مىقدارى ئاران 5.65 مىليارد كۇب مېتىر.
بىرىنچى، قازاقىستاننىڭ سۇ مۇھىتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
1. كاسپى دېڭىزىنىڭ سۇ ئورنى يۇقىرىلاپ، يامراش خەۋپى مەۋجۇت بولماقتا
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۇيان، كاسپى دېڭىزىنىڭ سۇ ئورنى يۇقىرىلاپ كەتتى، ھەتتا يامراش خەۋپى تۇغۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندىكى بىر قىسىم جايلاردا دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى سىرتقا 70 كىلومېتىر كېڭىيىپ، 500 مىڭ گېكتار ئوتلاقنى سۇ بېسىپ كەتكەن، 89 ئاھالىلار نۇقتىسى ۋە 30 نېفىت چىقىدىغان رايون سۇ بېسىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن، 127 نېفىت قۇدۇقى سۇ ئاستىدا قالغان، 26 مىڭ ئادەمنى كۆچۈرۈپ كېتىش زۆرۈر.
2. ئارال دېڭىزىنىڭ سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئارال دېڭىزىنىڭ يەر مەيدانى 66 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر ئىدى، 50 - يىللاردىن باشلاپ سۇ ئورنى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، 60 - يىللاردا يىلىغا 2.0 مېتىردىن تۆۋەنلىدى، 70 - يىللاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.0 مېتىردىن تۆۋەنلىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 20 يىلدا 8 مېتىر تۆۋەنلىدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يەنە 01 مېتىر تۆۋەنلىدى. سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، سۇ يۈزىمۇ كىچىكلەپ 14 مىڭ كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، سۇ سىغىمچانلىقىمۇ مۇناسىپ ھالدا كىچىكلەپ كەتتى. سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چوڭ ئارال دېڭىزى ۋە كىچىك ئارال دېڭىزى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە ئارال دېڭىزى ئۈچكە بۆلۈنۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئارال دېڭىزىنىڭ قۇرۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ. ئارال دېڭىزىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئىنتايىن ئېغىر ئېكولوگىيەلىك ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا 60~ 50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە شورلۇق پەيدا بولىدۇ - دە، 10 مىليارد توننا زەھەرلىك تۇز شامال ئارقىلىق تارقىلىپ، ئەتراپتىكى ئاھالە، چارۋا ۋە ئېتىز - ئوتلاقلارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.
3. سۇ مەنبەسى بۇلغانغان
قازاقىستاننىڭ يەر مەيدانى كەڭ، نوپۇسى ئاز بولۇپ، دەريا ئېقىن ۋە كۆللەر تارقاق جايلاشقان. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرى جەريانىدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئانچە ئېغىر بولمايدۇ. لېكىن مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئېغىر سانائىتى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ نېفىتچىلىق ۋە مېتاللۇرگىيە ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. قازاقىستاننىڭ نېفىت سانائىتى ئاساسلىقى كاسپى دېڭىزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، نەتىجىدە دېڭىز سۈيى تەركىبىدىكى سىماب ۋە كادمىي قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە ئىرتىش دەرياسىنى مىسالغا ئالساق، شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار قويۇپ بەرگەن بۇلغىمىلار ئۆلچەمدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ سۇ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئىككىنچى، قازاقىستاننىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئارال دېڭىزىنى قۇتقۇزۇش ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر.
1. 《شىمالنىڭ سۈيىنى جەنۇبقا باشلاش》
بۇ شىمالىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ سۈيىنى جەنۇبىي رايونغا باشلاشنى كۆرسىتىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، پەقەت دەريا ئېقىنلىرىنىڭ مىقدارىلا 4300 كۇب كىلومېتىرغا يېتەتتى، ئەمما تەكشى تارقالمىغانىدى. شىمالىي رايونلارنىڭ كىلىماتى قەھرىتان سوغۇق، نوپۇسى ئاز، لېكىن پۈتۈن مەملىكەت سۇ بايلىقىنىڭ %88 ىنى ئىگىلىگەنىدى؛ جەنۇبىي رايونلارنىڭ كىلىماتى ئىللىق، نوپۇسى كۆپ )پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %75 ىنى ئىگىلەيتتى(، سانائىتى تەرەققىي قىلغان )مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيتتى(، ئەمما سۇ بايلىقى بولسا پۈتۈن مەملىكەت سۇ بايلىقىنىڭ ئاران %12 ىنى ئىگىلەيتتى. شۇڭا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى 1984 - يىلى 6 - ئايدا »شىمالنىڭ سۈيىنى جەنۇبقا باشلاش« پىلانىنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى، لېكىن ئىككى يىلدىن كېيىن توختىتىپ قويدى، كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتتى. 2004 - يىلى 1 - ئايدا رۇسىيە ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈرتكىسىدە توختاپ قالغىلى 18 يىل بولغان بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ دەل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇ - ئارمانىدۇر.
2. 《كاسپى دېڭىزىنىڭ سۈيىنى ئارال دېڭىزىغا باشلاش》
بۇ كاسپى دېڭىزىنىڭ ئارتۇقچە سۈيىنى ئارال دېڭىزىغا باشلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرنى قوللانغاندا كاسپى دېڭىزىنىڭ يامراپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئارال دېڭىزىنىڭ كېمىيىپ كەتكەن سۈيىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بۇ لايىھەگە سېلىنىدىغان مەبلەغ ئاز بولۇپ، ئۈنۈمى تېز ھەم ئاسان ئىشقا ئاشىدۇ، پەقەت 400 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قانال ۋە 10~ 8 دەرىجىدىكى سۇ چىقىرىش پونكىتىنى قۇرسىلا بولىدۇ.
3. 《بەش دۆلەت بىرلىشىپ كاسپى دېڭىزىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش》
نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە كاسپى دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدىكى بەش دۆلەت )رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان ۋە ئىران( كېڭىشىش ئارقىلىق ئۆز كونتروللىقىدىكى رايونلارنى ئايرىش كېلىشىمىنى ئىمزالاش بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا كاسپى دېڭىزى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش مەسىلىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭ مۇھىم ھالقىسى، »كاسپى دېڭىزى مۇھىتى پىلانى« ۋە »كاسپى دېڭىزى مۇھىتىنى ئاسراش رامكىسى ئەھدىنامەسى« نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...