تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، كومپيۇتېر ئېكرانىدىن كېلىدىغان رادىياتسىيە بىلەن ماگنىت مەيدانىنىڭ بەدەنگە، بولۇپمۇ ئاياللارغا بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولىدىكەن.
ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلىدىغانلاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا كومپيۇتېرنىڭ رادىياتسىيەسى تۈپەيلىدىن يېنىك بولغاندا باش ئاغرىش، بىئارام بولۇش، كۆز قىچىشىش ۋە قۇرغاقلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، دانىخورەك پەيدا بولۇش، چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش ھەم قالقانبەز ھەرىكىتى بىلەن ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. ئېغىر بولغاندا ئاق قان دانچىلىرى تۆۋەن بولۇش، مېڭىگە قان ۋە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك، ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر قىلىش، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر يەڭگىپ قويۇش، بالا غەيرىي تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇل بولمايدىغانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئاياللار كومپيۇتېر مەشغۇلات ۋاقتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشى، كومپىيۇتېر رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى كىيىۋېلىش، كۆز ۋە تېرىنى رادىياتسىيەدىن ساقلاپ، رادىياتسىيەدىن كېلىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...