ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇز بوشلۇقتا بىر ئىز قالدۇردى
رۇسىيە چېليابىنسكى ئوبلاستىدىكى چېباركۇل كۆلىدىكى مۇز تۆشۈكى ، مېتېئورىت تاش چۈشكەن جاي دەپ قارالغان
بىر مېتېئورىت تاش 15-فېۋرال رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇرال تاغلىق رايونى بوشلۇقىدا سائىتىگە ئاز دېگەندىمۇ 54 مىڭ كىلومېتىرلىق ئاۋازدىنمۇ تېز سۈرئەتتە يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرىپ ، يەر يۈزىگە 30 ~ 50 كىلومېتىر ئارىلىق قالغاندا ئۇششاق پارچىلاندى . پارتلىغاندا پەيدا بولغان ئېنېرگىيە ئاتوم بومبىسىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ . بۈگۈنگىچە 1200 نەچچە ئادەم يارىلاندى ، 300 كورپۇس ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى ، يارىدارلار ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرى يوق.
سوتبور ئويمانلىقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى
غايەت زور بىر مېتېئورىت تاش 1 مىليارد 850 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارى يۈزىگە چۈشۈپ ، ئۇزۇنلۇقى 64 كىلومېتىر، كەڭلىكى 25 كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 14 كىلومېتىرلىق ئازگال پەيدا قىلغان.
Vredefort مېتېئورىت تاش ئازگىلى دۇنيادىكى ھازىرغىچە بېكىتلىگەن ئەڭ چوڭ سوقما ئازگال
جەنۇبىي ئافرىقىغا جايلاشقان Vredefort مېتېئورىت تاش ئازگىلىنىڭ كەڭلىكى 299 كىلومېتىر بولۇپ ، ئەڭ چوڭ مېتېئورىت تاش ئازگىلىدۇر . مېتېئورىت تاش سوقۇلغان ۋاقىتنىڭ 2 مىليارد يىل بۇرۇن بولۇشى مۆلچەرلەنگەن . خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ كەڭلىكى 9.6 كىلومېتىرلىق مېتېئورىت تاشنىڭ سوقۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ئىكەن .
ئۇزۇنلۇقى 48.78 مېتىرلىق مېتېئورىت تاش 50 مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا سائەتلىك تېزلىكى 4602 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇققا چۈشۈپ ، 1.6 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى ، 173 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر سوقما ئازگالنى ھاسىل قىلغان.
1965-يىلى روژدېستۋو بايرىمىدىكى باۋېر مېتېئورىت تاش يامغۇرى
ئەنگىلىيەگە چۈشكەن ئەڭ چوڭ مېتېئورىت تاش 1965-يىلى روژدېستۋو بايرىمىدا باۋېرغا چۈشكەن تاش بولۇپ ، مۇزېي دەرھال نەق پۇلغا مېتېئورىت تاش پارچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يىغىۋېلىشنى باشلىغان .
خېبا مېتېئورىت تاش ۋەقەسى
1920-يىلى نامبىيەدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا بايقالغان خېبا مېتېئورىت تېشى ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ ئېغىر مېتېئورىت تاش بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 66 توننىغا يېتىدۇ ، خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 80 نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن يەر شارىغا چۈشكەن ئىكەن .
ئاپتوموبىلدەك چوڭلۇقتىكى بىر مېتېئورىت تاش 2003-يىلى 26-مارت ئىللىنوئىس ئورمان باغچىسىغا چۈشۈپ، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئېغىز ئۆي ۋە ئۈچ ئاپتوموبىلنى زىيانغا ئۇچراتقان .
بەزى ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، ھازىرقى مېكسىكىنىڭ يۇكاتان يېرىم ئارىلى تەخمىنەن 66 مىڭ يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق مېتېئورىت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ ، بۇ دىنازاۋورنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
نيۇيورك پىكسكىل مېتېئورىت تاش ۋەقەسى
پۇتبول چوڭلۇقىدىكى بىر مېتېئورىت تاش 1992-يىلى 9-ئۆكتەبىر نيۇيوركنىڭ پىكسكىلدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، پىكاپنى يانجىۋەتكەن .
تۇنگۇس مېتېئورىت تاش ۋەقەسى
رۇسىيەدىكى تۇنگۇس مېتېئورىت تاش ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، غايەت زور بىر مېتېئورىت تاش 1908-يىلى 30-ئىيۇن ئاسماندىن چۈشۈپ، پارتلاپ بىر ئوت شارىغا ئايلىنىپ ، ئورماننى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن . مېتېئورىت تاشنىڭ پارتلاش سىرى تېخىچە ئېچىلمىدى .