ياپونىيە كيۇتو ئاگېنتلىقىنىڭ 24 – دېكابىر خەۋىرى ياپونىيە قوغدىنىش ۋازارىتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى (مەسلىھەتچىلەر باش شىتابىغا تەڭ كېلىدۇ) 24 – چىسلا خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى، شۇ كۈنى چۈشتە جۇڭگو دېڭىز – ئوكيان ئىدارىسىنىڭ بىر ئايرۇپىلانى دياۋيۈ ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتر كېلىدىغان يېرىگىچە ئۇچۇپ كىردى. ياپونىيە ئاۋىئاتسىيەسى ھاۋادىن قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى جىددىي كۆككە كۆتىرىلىپ تاقابىل تۇردى، جۇڭگو تەرەپ ئايرۇپىلانى دياۋيۈ ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىغا كىرمىدى.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، دياۋيۈ ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقىنى جۇڭگونىڭ Y12ناملىق توشۇغۇچى ئايرۇپىلانى ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 13 – كۈنى، دۆلەت دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىگە تەۋە ئوخشاش تىپلىق ئايرۇپىلان دياۋيۈ ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن، 22 – چىسلامۇ دياۋيۈ ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتر كېلىدىغان جايغىچە ئۇچۇپ كىرگەن. ياپونىيە قوغدىنىش ۋازارىتى ھازىر جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى پائالىيىتىگە قاتتىق ئاگاھ بولماقتا.
قوغدىنىش ۋازارىتى مۇنداق دىدى، بۇ ئايرۇپىلان شەرقى دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا جەنۇبتىن كېلىپ، شەرققە قاراپ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، دياۋيۈ ئارىلىغا يېقىنلاشقاندىن ئۇ يەردىن ئايرىلغان.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...