سەرگەردان قەبرىستاندىكى ئۆلۈكلەر بىلەن 15 يىل بىللە ياتقان

293 2013-02-17 11:14:44   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

سېربىيەدە 43 ياشلىق ئەر Stojanovic بۇ 15 يىلدىن بېرى ئىزچىل گۆر ئىچىدە ياتماقتا


Stojanovicنىڭ دېيىشىچە،گۆر ئۇنىڭغا ئۆينىڭ تۇيغۇسىنى بېرىدىكەن

   جۇڭشىن تورى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى،چەتئەل ئاخبارات خەۋرىدە،سېربىيەدە 43 ياشلىق ئەر Stojanovic بولسا 15 يىلنىڭ ئالدىدا قەرز تۈپەيلىدىن سىرتتا قالغان،سىرتتا نەچچە ئاي قالغاندىن كېيىن،نەچچە يۈز يىل بولغان بىر گۆرنىڭ ئىچىگە كۆچۈپ كەلگەن.ئۇ گۆرنى ئۆزگەرتىپ ئادەم ياتقىدەك قىلغان،ھەر كۈنى بۇ سۈرلۈك بولغان قەبرىستاندا ياتسىمۇ قوقمايدىغانلىقى،ھەتتا بۇ گۆرلىكنى بىر خىل "ئۆينىڭ تۇيغۇسى"بار دېگەن.

  خەۋردە دېيىلىشىچە،ئەسلى بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولغان Stojanovic ھازىرقى"ھايات ئادەم گۆرلىك"ى تۇرمىشىدىن شۇنداق رازىدەك كۆرنەتتى.ئۇ ئادەتتە قەبرىستانلىقتىن شام ئىزدەيتى،ياكى بولمىسا ئەخلەت ساندۇقىدىن ئاشقان كۆكتاتلارنى ئىزدەيتى،بەزىدە ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بولسا ئۇنىڭغا يېمەكلىك ئەكەلىپ بېرەتتى.گۆرلىك گەرچە تار ھەم كىچىك بولسىمۇ،ئەمما مۇھىتى قۇرغاق ھەم ئىسىق بولۇپ، Stojanovic ئويىدىكى بارلىق بىساباتلىرىنى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلۋالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە،سوغۇق قەھرىتاندا سىرتتا قالغاندىن،مۇشۇ گۆرگە كىرىپ ئۇخلىغان ياخشى ئىكەن.

  بىراق Stojanovicنىڭ دېيىشىچە،ئۇنىڭ ئۆيى بولمىغىنى بىلەن،ئەزەلدىن نەرسە ئوغۇرلاپ باقمىغان،ھەمدە ئۇ بۇ گۆرگە كىرگەندە بۇنىڭ ئىچى قۇرۇقلىقى،شۇنىڭغا ئۇ ئۆلگىچىگە بىھۆرمەتلىك قىلمىغىنى دېدى.

Stojanovic يەنە مۇنداق دېدى،ئۇ باشتا "گۆردە ياتقان"دا ئۇمۇ قورقۇنشلۇق ھېس قىلغان،بىراق ئارقىدىن كۆنۈپ كەتكەن.ئۆلۈك ئادەمگە قارىغاندا،ئۇ بەكرەك ھايات ئادەمدىن قورقىدىغانلىقىنى دەپ:"ھەر قېتىم مەن گۆرلىكتىن ئۆمىلەپ چىقان ۋاقىتتا،ھەر قېتىم تۆت ئەتراپقا ئادەم بارمۇ قاراۋېتىپ ئاندىن چىقىمەن،بومىسا ئۇلارنى قورقىتۋېتىشىم مۈمكىن"دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博