تەرجىمە مۇھەررىرلىرنىڭ كەسپي قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

22 2013-02-16 12:41:45   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى نەشرىياتلارغا خەنزۇ تىلى ۋە چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلىدىغان، كەسپىي جەھەتتە تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ نەتىجە يارىتالايدىغان بىر تۈركۈم ياش كۈچلەر يېڭى قان سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ، مۇھەررىرلەر قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچى جانلاندۇرۇلدى. نەشرىياتلار تەرجىمە ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشتا خەنزۇ تىلى ۋە چەت ئەل تىلى )ئېنگىلىز، ياپون، رۇس، ئەرەپ قاتارلىق تىللار( دىكى ئەسەرلەرنى تاللاش، تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش، نەشر قىلىش ۋە شۇ رايون، ئۆلكە دائىرىسىدە ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا نەشر قىلىنىدىغان ئەسەر )كىتاب( نى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، تەرجىمە مۇھەررىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تەرجىمە مۇھەررىرى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىجادىي ئەمگىكى ۋە مۇستەقىل شەخسىي تەپەككۇرى ئارقىلىق تەرجىمە ئەسەرنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ، شۇ ئەسەرنىڭ نەشردىن چىقىپ كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ. بۇ بىر خىل تىل - يېزىقتىكى ئەسەر )كىتاب( نى يەنى بىر خىل تىل - يېزىقتا چۈشىنىشلىك، راۋان، توغرا ئىپادىلەپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. بارلىق نەشر قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلىرىدە تەرجىماندىن باشقا سېلىشتۇرۇپ بېكىتكۈچى مۇھەررىرنىڭ ئىسىم - فامىلىسىمۇ بىرگە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى زور مەسئۇلىيەتچانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تەرجىمە مۇھەررىرلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. »قۇتادغۇ بىلىك«، »شاھنامە«، »قىزىل راۋاقتىكى چۈش«، »كەلىلە ۋە دەمىنە« قاتارلىق دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشكەن ئەسەرلەر )كىتابلار( ئەنە شۇنداق جاپالىق مېھنەتتىن كېيىن، تەرجىمە مۇھەررىرلىرىنىڭ يۈرەك قېنى ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. تەرجىمە مۇھەررىرلىرىنىڭ كەسپىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
      1. تەرجىمە مۇھەررىرى تەرجىمانغا ئوخشاشلا چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك
      بەزىلەر <تەرجىمان تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن يېتەر، چاتاق تېپىشنىڭ ھاجىتى يوق« دەپ قارايدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، ئەگەر تەرجىمە ئەسەردىكى مۇھىم مەزمۇنلار، ئابزاست - بۆلەكلەر، دىيالوگلار خاتا بولۇپ قېلىپ قولدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئويلىمىغان خاتالىقلار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، تەرجىمە مۇھەررىرى تەرجىمانغا ئوخشاشلا ئۆزى تەھرىرلەۋاتقان ئەسەر(كىتاب) نىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى باشتىن - ئاخىر تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىشى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە، يادرولۇق قىممەتكە توغرا باھا بېرىشى، تەرجىمىدىكى كەتكۈزۈپ قويغان خاتالىقلارنى، تىل ئىشلىتىشتىكى سەۋەنلىكلەرنى دەرھال بايقاپ تۈزىتىشى كېرەك. بۇ تەرجىمە مۇھەررىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر.
      2. تەرجىمە مۇھەررىرى ھەر ئىككى تىلغا پىششىق بولۇشى كېرەك
      تەرجىمە ئەسەر مۇھەررىرلىرى ئۆزى مەنسۇپ بولغان تىلنى پىششىق بىلگەندىن باشقا، يەنە چەت ئەل تىلىنى ئوخشاشلا ئوبدان چۈشىنىشى، ئىزاھلىشى، ئىپادىلىشى، ھەتتا شۇ ئەسەر (كىتاب) نى تەرجىمە قىلغان تەرجىماندىن ئېشىپ چۈشكىدەك قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئەنە شۇنداق بولغاندىلا ئۇ تەرجىمە مۇھەررىرلىكىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، <رەسمىيەتچى مۇھەررىر« بولۇپ قالىدۇ. ھازىر نەشرىياتلاردا چەت ئەل تىلى ۋە يېزىقىدىن كۆرە، خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتقان ئەسەر (كىتاب) لار بىرقەدەر كۆپ. تەرجىمە مۇھەررىرلىرىنىڭ بەزىلىرى بۇ كىتابنى كۆرگەندە »كىتاب تەرجىمىسى ياخشى ئىكەن، چاتاق چىقمايدۇ> دەپ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشنى خالىمايدۇ. »ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ« دېگەندەك ئاخىرىدا بۇ خىل تەرجىمە كىتابلىرىدىن بەزى ۋاقىتلاردا بەزى خاتالىق - سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشى تەبىئىي ئەھۋال. بۇ تەرجىمە مۇھەررىرىنىڭ ئۆز كەسپىي خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا، يەنە بەزى ئەسەر (كىتاب) لارنىڭ ئەسلى تەرجىمىسى ناچار بولۇپ، نۇرغۇن مەسىلىلەر مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تەرجىمە مۇھەررىرلىرى تېخىمۇ كۆپ مېھنەت سىڭدۈرۈپ تەھرىرلىشى كېرەك. بۇ چاغدا تەرجىمە مۇھەررىرنىڭ شۇ خىل ئەسەرلەرگە (كىتاب)قا سىڭدۈرگەن ئەمگىكى تەرجىمانغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر تەرجىمە ئەسىرىنىڭ نەشردىن چىقىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى تەرجىمە مۇھەررىرلىرىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
      3. تەرجىمان بىلەن مۇھەررىر ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى كېرەك
      تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتى بىر نەشرىياتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم، ئىنچىكە، نازۇك خىزمەت. تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتى پۈتكۈل تەرجىمە خىزمەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە يەكۈنىدۇر. تەرجىمان بىلەن تەرجىمە مۇھەررىرى ئۆزئارا قېرىنداشلاردۇر. ئۇلار ئەسەرگە قارىتا ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغاندىلا ھەمدە بىر نىيەتتە ئىش قىلغاندىلا، كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتالايدۇ.
      قىسقىسى، تەرجىمە مۇھەررىرلىرىنىڭ كەسپىي قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمە مۇھەررىرلىرى ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئۆز خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشى، ئاخىرىدا قابىلىيەتلىك ۋە لاياقەتلىك تەرجىمە مۇھەررىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا نادىر ئەسەر (كىتاب) لەرنى كۆپلەپ يارىتالايدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر