ئۇسسۇلۇقنى مۇنداق ئىچىڭ

640 2013-02-08 11:02:22   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

      داغ: سەھەردە بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىڭ
      نۇرغۇن كىشىلەر سەھەردە بىر ئىستاكان ئۇسسۇلۇق ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىك بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇ سەۋەبتىن بەزىلەر تۇز سۈيى ئىچىدۇ، بەزىلەر ھەسەل سۈيى ئىچىدۇ، يەنە بەزىلەر تېرىسىنى ئاقارتىش ئۈچۈن لىمون سۈيى ئىچىدۇ، زادى قايسى خىل ئىچىش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ ئادەم بەدىنى بىر كېچە ماددا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن بەدەندىكى ئەخلەتلەر كۈچلۈك بىر سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمىدە چىقىپ كېتىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا سەھەردە ھېچقانداق قەنت تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىسى بولمىغان سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىش ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر شېكەر سۈيى ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلار قوشۇلغان ئۇسسۇلۇق ئىچسە، بەدەندە ئېنىرگىيە ئايلىنىشى يۈز بېرىپ، ئەخلەتلەرنى تېزلىكتە تازىلاش رولىنى ئوينىيالماي قالىدۇ. شۇڭا سەھەردە بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش ئەخلەت ھەيدەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولىدۇ.
      زۇكام: ئۇسسۇلۇقنى كۆپرەك ئىچىڭ
      ئۇسسۇلۇقنى كۆپرەك ئىچىش زۇكامنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى بولىدۇ، چۈنكى ئادەم زۇكامدام قىزىغاندا بەدەن ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن تەرلەش، نەپەسنى تېزلىتىش ۋە تېرىدىن ھورلىنىدىغان سۇلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ چاغدا بەدەن كۆپ مىقداردا سۇ يوقۇتۇپ سۇ تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا ئۇسسۇلۇقنى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە، تەر ۋە سۈيدۈكنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، يەنە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولىدۇ، بەدەندىكى كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
      ئاشقازان ئاغرىش: داۋاملىق ئازراقتىن ئۇماچ ئىچىپ تۇرۇڭ
      ئاشقازىنى ئاغرىغان ياكى بىئارام بولغان كىشىلەر يۇمشاق پىشۇرۇلغان قىزىق ئۇماچ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. ئۇماچ ناھايىتى ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، ئاشقازان ئارام تېپىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇماچنىڭ سۇ تەركىبى كۆپ بولغاچقا، ئۈچەينى سىلىقلاپ زىيانلىق ماددىلارنى تازىلايدۇ ھەم ناھايىتى ئاسان چىقىرىپ تاشلايدۇ.
      قەۋزىيەت: ئۇسسۇلۇقنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىڭ
      قەۋزىيەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى بەدەندىكى كونا تەرەت قۇرغاق بولۇش، يەنە بىر خىلى ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنىڭ چىقىرىۋېتىش كۈچى بولماسلىق. ئالدىنقىسىدا كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاش، ئۇسسۇلۇقنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. كېيىنكىسىنىڭ ۋاقىتلىق رېتسىپى مۇنداق: گۈپۈلدىتىپ بىرنەچچە يۇتۇم ئۇسسۇلۇق ئىچىش، يۇتۇش تېز بولۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇسسۇلۇق تېزلىكتە بوغماق ئۈچەيگە يېتىپ بېرىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇسسۇلۇقنى ئاستا - ئاستا ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئۇسسۇلۇقنىڭ ئېقىم سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئاشقازانغا ناھايىتى ئاسانلا سۈمۈرۈلۈپ كېتىپ سۈيدۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر