بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئالدى بىلەن سەۋەبىنى ئېنىقلاش، ئاندىن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئادەتتە بالىلارنىڭ قىزىشى غەيرى كېسەللىك ئامىللىرىدىن قىزىش ۋە كېسەللىك ئامىللىرىدىن قىزىش دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، غەيرى كېسەللىك ئامىللىرى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇش، بەك قېلىن كىيىندۈرۈش، ئۇسسۇزلۇقنى بەك ئاز ئىچۈرۈش، ئۆينىڭ ھاۋاسى ياخشى ئۆتۈشمەسلىك ۋە جىددىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. كېسەللىك ئامىللىرىدىن ۋىرۇس (بەز ۋىرۇسى قاتارلىقلار) ۋە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: نەپەس يولى، ئاشقازان - ئۈچەي يولى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار. بوۋاق ۋە گۆدەكلەرنىڭ بەدىنىدىكى سۇ تەركىبى چوڭ ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، ئەگەر ئازراقلا سۇسىزلانسا ئىسسىقلىق تارقىتىشى تەسىرگە ئۇچراپ ئاسانلا قىزىپ قالىدۇ.
بالىلار قىزىپ قالسىلا ئاتا - ئانىلار جىددىيلىشىپ قالىدۇ. قىزىشلارنىڭ كۆپىنچىسى تەكرار قوزغىلىدىغان بولغاچقا، ئائىلىدىكى پەرۋىش ناھايىتى مۇھىم بولىدۇ. بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا ئالدى بىلەن فىزىكىلىق ئۇسۇللاردا قىزىتما ياندۇرۇش كېرەك، ئەگەر تېمپېراتۇرىسى 38.5سىلسىيە گىرادۇس تىن ئېشىپ كەتكەن بولسا دورا ئىشلەتسە بولىدۇ. دورا ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە فىزىكىلىق قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئادەتتە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ:
ئىلمان قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش
قىزىپ قالغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئاساسلىق قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئۇسسۇزلۇقنى كۆپرەك ئىچكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىلمان سۇ بىلەن بەدىنىنى سۈرتۈش
قىزىپ قالغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئىنتايىن ياخشى بولغان يەنە بىر خىل قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئىلمان سۇغا چىلانغان لۆڭگە بىلەن بوۋاقنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈشتىن ئىبارەت. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 32سىلسىيە گىرادۇس دىن 34سىلسىيە گىرادۇس قىچە بولسا، ھەر قېتىملىق بەدەن سۈرتۈش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن كەم بولمىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. سۈرتكەندە بويۇن، قولتۇق، جەينەك ۋە چاتراق قاتارلىق جايلارنى نۇقتىلىق سۈرتۈش كېرەك.
ئىلمان سۇدا يۇيۇندۇرۇش
سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن 3سىلسىيە گىرادۇس تىن 4سىلسىيە گىرادۇس قىچە تۆۋەن، ھەر قېتىملىق يۇيۇندۇرۇش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا يۇيۇندۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە قىزىپ قالغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىلمان قايناق سۇدا يۇيۇندۇرۇپ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ قىزىتمىسىنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.
قىزىتما ياندۇرۇش چاپلىمىسى
بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا پىشانىسىگە قىزىتما ياندۇرۇش چاپلىمىسىنى چاپلاش ئارقىلىق بوۋاقلارنى بىر ئاز ئارام تاپتۇرغىلى، ئاتا - ئانىلارنىمۇ بىر ئاز خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ.
ئادەتتە بوۋاقلارغا ئىسپىرت سۈرۈش ئارقىلىق قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئامال بار قوللانماسلىق كېرەك، بولمىسا ئىسپىرت تېرە ئارقىلىق بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ زەھەرلەپ قويىشى مۇمكىن. ئەگەر تۈرلۈك فىزىكىلىك قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندىمۇ تېمپېراتۇرا ℃38.5 تىن چۈشمەي تۇرىۋالسا، ئاندىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش، دورىنى خالىغانچە ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...