1. ھالۋابىدىد (ئەبنۇس) شۆپىكى
ھالۋابىدىد (ئەبنۇس) شۆپىكىنىڭ تەمى ياخشى بولغاچقا ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر ھالۋابىدىد يېگەن چاغدا شۆپىكىنىمۇ قوشۇپلا يەۋېتىدۇ. بىراق تېببىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھالۋابىدىد پىشمىغان چاغدا ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيانلىق بولغان تاننىك كىسلاتا ئاساسەن ھالۋابىدىد ئېتىدە بولىدىكەن، ئەمما پىشقاندا بولسا ئاساسەن شۆپىكىگە يىغىلىپ قالىدىكەن.
2. تاتلىق بەرەڭگە شۆپىكى
تاتلىق بەرەڭگە شۆپىكىدە ئىشقار (شور) كۆپرەك بولغاچقا، شوپىكىنى كۆپرەك يەۋالسا ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەر بىئارام بولىدۇ. قوڭۇر ياكى قارا داغ چۈشۈپ قالغان تاتلىق بەرەڭگە شۆپىكىنى ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل تاتلىق بەرەڭگە قاراداغ كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولغاچقا، ئۇنى ئىستېمال قىلغانلار ئاسانلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ.
3. بەرەڭگە شۆپىكى
بەرەڭگە شۆپىكىدە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولغان بىيولوگىيەلىك ئىشقار )ئالكالوئىد( لار بولىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن جۇغلانما زەھەرلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنىڭ ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئالامىتى بولمايدۇ ياكى ئالامىتى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىخلىنىپ قالغان ياكى كۆكىرىپ قالغان بەرەڭگىلەردە توكسىن (زەھەر) تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئىستېمال قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
4. بىجىق شۆپىكى
بىجىق مۇنبەت سازلىق يەرلەردە ئۆسىدىغان بولغاچقا، شۆپىكىگە كۆپ خىل زىيانلىق ھەم زەھەرلىك بىيولوگىيەلىك چىقىرىندىلار ۋە خىمىيىلىك ماددىلار يىغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇنى مەيلى خام يېگەندە بولسۇن ياكى پىشۇرۇپ يېگەندە بولسۇن چوقۇم پوستىنى سويۇۋېتىش كېرەك، بولمىسا تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
5. كۈمۈش ئۆرۈك شۆپىكى
كۈمۈش ئۆرۈك شۆپىكىدە بولغان ئاق مېۋە كىسلاتاسى، ئوكسىدلانغان ئاق مېۋە كىسلاتاسى ۋە ئاق مېۋە ئىسپىرتى قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بولىدۇ، ئۇلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، پىشقان كۈمۈش ئۆرۈك ئېتىنىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...