يېقىندىن بويان جۇڭگو مەبلىغى زور مىقداردا كورىيە بازىرىغا كىرگەن

742013-02-06 12:22:51   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئاسىيا ئىقتىساد 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى،كورىيە مالىيە نازارىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە كورىيە ITۋە ماشىنا قاتارلىق ئاساسلىق ئىكىسپورت مەھسۇلاتىنىڭ پايچېكى چوڭ دەرىجىدە چۈشكەن بولۇپ مەبلەغ سېلىش جەلىپكارلىقى ئىپادىلىنىشكە باشلىغان .بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشىشى ۋە جۇڭگو مەبلىغىنىڭ كۆپ خىل بولۇش سەۋەبىدىن يېقىنقى 3ئايدا ۋە 1-ئايدا كورىيە پايچېك بازىرىغا ئېقىپ كىرگەن جۇڭگو مەبلىغى 1مىليارد 860مىليون كورىيە پۇلى ۋە 600مىليارد كورىيە پۇلى بولغان .بۇنىڭ بىلەن سىلىشتۇرما بولىدىغىنى يەنە ئامېرىكا ،ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى كورىيە پايچېك بازىرىنىڭ چوڭ خېرىدارلىرى ئارقا ئارقىدىن كورىيىدىن چېكىنىپ چىققان.ئىككى دۆلەت ئايرىم ئايرىم بۇ يىل 1-ئايدا كورىيىدە 1تىرلىيون كورىيە پۇلى ۋە 1تىرلىيون 800مىليارد كورىيە پۇلى قىممىتىدىكى مالنى تۆكمە قىلىپ ساتقان.