قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى ھەم ئافغانىستان ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بەرگۈچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى يان. كۇبىش بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان كەلگۈسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا داۋاملىق ماسلىشىپ، ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىدۇ. شۇڭلاشقا قازاقىستان ئالمۇتا شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە تۈگۈن رايونى مەركىزىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشىگە ماسلىشىشنى پىلانلىدى. كۇبىش قازاقىستاننىڭ ئافغانىستاننى قوللاش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافغانىستاندا مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى پۈتكۈل رايون ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...