1.قارا گۈرۈچ
قارا گۈرۈچ گۈرۈچلەر ئارىسىدا باھاسى قىممەت بولۇپ، ھەر 100 گىرام قارا گۈرۈچ تەركىبىدە 3 گىرامدىن 11 گىرامغىچە ئاقسىل بولىدۇ. ئادەتتە ئاق گۈرۈچ تەركىبىدە 6 گىرامدىن 8 گىرامغىچە ئاقسىل بولىدۇ. قارا گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئامىنو كىسلاتاسى ئادەتتە 8 خىلدىن كۆپرەك بولۇپ، ئاق گۈرۈچنىڭ 2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن مىقدارى، مىس، سىنىك، مولبىدىن، تۆمۈر، سېلىن قاتارلىق ئېلېمېنتلارمۇ مول بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ قاننى جانلاندۇرىدۇ. نۆۋەتتە كىشىلەر ئۇنى باش قېيىش، قان ئازلىق، چاچ ئاقىرىش ۋە كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلەتمەكتە.
2. قارا پۇرچاق
قارا پۇرچاقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە دورىلىق ئۈنۈمى سېرىق پۇرچاقتىن يۇقىرى. قارا پۇرچاق تەركىبىدە ئاقسىلدىن باشقا زور مىقداردا تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى، تۆمۈر، فوسفور، كاروتىن، ۋىتامىنلار بار. قارا پۇرچاقنىڭ بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈش، قورساق كۆپۈشنى ياندۇرۇپ يەلنى ھەيدەش، ئىسسىق قايتۇرۇش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. شۇڭا ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق.
3. سىيادان
سىيادان تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە تويۇنمىغان ماي كىسلاتا ، ئاقسىل، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مۇھىم تەركىبلەر بار. سىيادان ئىستېمال قىلىپ بەرسە جىگەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، چاچنى قارايتىپ، ھۆسن تۈزەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ياخشى ساقلىقنى ساقلاش ۋە ھۆسن تۈزەش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
4. قارا مور
قارا مورنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، ۋىتامىن، كالتسىي، فوسفور ۋە تۆمۈر ماددىسى مول. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ئۆسۈملۈك كوللوئىدى بار. ئۇ بىر خىل تەبىئىي قۇۋەتلەندۈرگۈچى دورا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۈچەيدىكى چاچ قىلىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. قاننىڭ قېتىۋېلىشىنى ئازايتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قىزىل تومۇرلارنىڭ قېتىۋېلىشى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5. قارا گۆشلۈك توخۇ
قارا گۆشلۈك توخۇنىڭ تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئاقسىل بولۇپلا قالماي، يەنە تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىرى بار. ئورۇقلۇق، ئاجىزلىق، تەرلەش، تال زەئىپلىشىش قاتارلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.
6. قارا موگۇ
قارا موگونىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مېنىرال ماددا، كۆپ خىل ئامنو كىسلاتاسى ۋە مول سېللولوزا بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كېتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، سەمرىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...