تىراكتور بىلەن مال توشۇغۇچىلار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

30 2013-01-17 09:43:18   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تىرانسىپورتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم:
1.تىراكتورنىڭ كۆرۈنۈشى رەتلىك، پاكىز بولۇشى، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، دېتاللىرى مۇكەممەل، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك ھەم ماتور ۋە باشقا قىسىملارنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتى نورمال ۋە ئىشەنچلىك بولۇشى لازىم.
2.تىرانسىپورت مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تىراكتورغا يۇقىرى سەۋىيەلىك شوپۇر سەپلىنىشى، زۆرۈر بولغاندا يەنە بىر ياردەمچى سەپلىنىشى ياكى بىرنەچچە قوشۇمچە قاچىلاش - چۈشۈرۈش خادىمى سەپلىنىشى كېرەك.
3. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان پىرىتسىپنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مىقدارى تىراكتورنىڭ قۇۋۋىتىگە ماسلىشىشى، ئۇنىڭدىن باشقا تورمۇز سېستىمىسى، چېتىش قۇرۇلمىسى، سۇيۇقلۇق بېسىملىق ئاپتوماتىك چۈشۈرۈش قۇرۇلمىسى، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار تولۇق ۋە ئۆزئارا يۈرۈشلەشكەن، ماشىنا گۇرۇپپىسىنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارى تىرانسىپورت مەشغۇلات تەلىپىنى قانائەتلەندۈرگەن بولۇشى لازىم.
4. 15 كىلوۋاتتىن تۆۋەن بولغان كىچىك تىپلىق چاقلىق تىراكتورلارغا 1.5 توننىدىن تۆۋەن بولغان ئاق ئوقلىق يېرىم چېتىلىدىغان پىرىتسىپ چېتىش، قۇۋۋىتى 20 دىن 24 كىلوۋاتقىچە بولغان ئوتتۇرا تىپلىق چاقلىق تىراكتورلارغا ۋە قۇۋۋىتى 40 كىلوۋاتتىن يۇقىرى بولغان چاقلىق تىراكتورلارغا قوش ئوقلۇق پۈتۈن چېتىلىدىغان پىرىتسىپ چېتىش؛ تىراكتورلارغا پەقەت بىرلا پىرىتسىپ چېتىش لازىم.
5. تىراكتورنىڭ سۈرئەت ئۆزگەرتىش كۇرۇپكىسىنىڭ ھەرىكەت ئۇزىتىش نىسبىتىنى ياكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى تاسمىلىق چاقنىڭ دىيامېتىرىنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈش سۈرئىتىنى خالىغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
6.تىرانسىپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماشىنا گۇرۇپپىسىدا ئىشەنچلىك تورمۇز سىستېمىسى بولۇشى لازىم. كۆتۈرۈش مىقدارى2 توننىدىن يۇقىرى بولغان ماشىنا گۇرۇپپىسىغا يەل تورمۇز ئورنىتىلىشى كېرەك. سائەتلىك سۈرئىتى 23 كىلومېتىر بولغاندا ئوتتۇرا تىپلىق ماشىنا گۇرۇپپىسىنىڭ تورمۇزلاش ئارىلىقى 8 مېتىردىن چوڭ بولماسلىقى، كىچىك تىپلىق ماشىنا گۇرۇپپىسى سائىتىگە12 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يول يۈرگەندە تورمۇزلاش ئارىلىقى 4 مېتىردىن چوڭ بولماسلىقى لازىم.
7. يۈك قاچىلىغاندا نورمىدىن ئارتۇق قاچىلىماسلىق، پىرىتسىپ تاختىلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئىلمەكلەرنى ئوبدان ئىلىش ھەمدە بىخەتەرلىك زەنجىرىنى چېتىش لازىم. يۈك چۈشۈرگەندە پىرىتسىپ تاختىلىرىنى ئاستا ئېچىپ، ئادەم يارىلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم.
8. تىرانسىپورت جەريانىدا تىراكتورنىڭ ئوڭ - سول تورمۇز پىدالىنى قۇلۇپلىغۇچ ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ قۇلۇپلاپ، ئىككى چاقنى تەڭ تورمۇزلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، تىراكتورنى قوزغىغاندا تىراكتورنىڭ ئالدىدا، ئاستىدا ئويناۋاتقان ۋە تىراكتور كەينىگە ئېسىلىۋالغان بالىلارنىڭ بار - يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئادەم زەخمىلەندۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم.
9. پاختا، ئوت - چۆپ، يېقىلغۇ ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى ھەم ئاشلىق قاتارلىقلارنى توشۇغاندا، ماشىنا گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ تاماكا چېكىشى ھەمدە سەرەڭگە، چاقماق ئېلىپ يۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى توشۇشقا قاتناشقان تىراكتورلارنىڭ گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا ئۇچقۇن يوقاتقۇچى ئورنىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىچىك تىپتىكى ئوت ئۆچۈرگۈچ سەپلەش لازىم.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر