قوزا تۇغۇلۇپ 1 ھەپتىلىك بولغاندىن كېيىن، ئەلا سۈپەتلىك پۇرچاق تۈرىدىكى قۇرۇق ئوت - چۆپلەرنى بېرىپ، كېيىن ئېغىرلىقى ۋە ئوزۇقلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا قاراپ ئارىلاشما بوغۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. ئارىلاشما بوغۇزنى ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم بەرسە ئاسان ھەزىم بولىدۇ. قوزىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش ئۈچۈن، بىرىكمە بوغۇزنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا ۋە ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەپ بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. قوزىنى بوغۇز يېيىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋۋال قورۇلغان بوغۇزنى يانچىپ ئۇششاقلاپ، قوزىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويسا، قوزا ئاستا - ئاستا چايناشنى ئۆگىنىدۇ، بىرقانچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىنلا ئۆزى يەيدىغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قوزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، يەم - خەشىكىگە مۇۋاپىق مىقداردا مىنېرال ماددا ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت خۇرۇچلىرىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...