بېلىق كۆلچىكىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش كېرەك

5 2013-01-17 09:40:18   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بېلىق كۆلچىكى كونىراپ كېتىش نۇرغۇن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق رايونلىرىدا بېلىق مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.
      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆپ ساندىكى بېلىق باققۇچىلار بېلىق كۆلچىكىنى تازىلاش ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالىمايدىكەن، بەزى بېلىق كۆلچەكلىرى 10 يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىتتىمۇ بىرەر قېتىم تازىلانمايدىكەن. نورمال ئەھۋالدا، بېلىق كۆلچەكلىرىدىكى لاي - لاتقىلارنى 6~5 يىلدا بىر قېتىم تازىلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئەگەر لاي - لاتقىلار قېلىنلاپ كەتسە، كۆلچەكتىكى سۇدا ئوكسىگېن كەم بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بېلىقلارنىڭ كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېلىق كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەننەرخى ۋە دورا ئىشلىتىش نىسبىتى ئېشىپ، بېلىق سۈپىتى ۋە مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر