كالا - قويلاردىكى جىگەر شورىغۇچ قۇرت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

49 2013-01-16 11:24:12   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      كالا - قويلاردىكى جىگەر شورىغۇچ قۇرت كېسەللىكى كالا - قويلارنىڭ جىگىرى ۋە ئۆت يولىدا پارازىت ياشايدىغان، جىگەر شورىغۇچ قۇرتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، خەۋپى ئېغىر بولغان بىر تۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك تارقىلىدۇ. پەس، سازلىق ئوتلاقلاردا بېقىلغان كالا - قويلار ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. كېسەل ماللاردا ئورۇقلاش، كەم قانلىق، سېرىق چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ياكى ئۆت ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. قاپاق، ئېڭەك ئاستى، قورساق، كۆكرەك ئاستى قىسىملىرىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. فازىنېكىس ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئالبېندازول ۋە فېدىندازول بىلەن داۋالىسىمۇ بولىدۇ. ئارىلىق خوجايىن قۇلۇلىلەر ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلسا ھەمدە ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە مۇداپىئە خاراكتېرلىك قۇرتسىزلاندۇرۇلسا، بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئالغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر