پالەك قىروۋسىمان پاختىلىشىش كېسىلى دەسلەپتە تۈپنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى يوپۇرماقلاردا كۆرۈلىدۇ، كېيىن ئۈستىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. كېسەل داغلىرى تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە سارغۇچ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەل داغلىرى بىرلىشىپ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، كېسەل تۈپنىڭ پۈتكۈل يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ قۇرۇپ قالىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۇسۇلى
1. دېھقانچىلىق تەدبىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش
كېسەللەنگەن تۈپلەرنى ۋاقتىدا يۇلىۋېتىش، باشقا كۆكتاتلار بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىش، پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، سۇنى تىزگىنلەش، مۇۋاپىق شامالدىتىپ، نەملىكنى تۆۋەنلىتىش لازىم. ھاۋا ئوچۇق كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پارنىكنى دۈملەپ باكتېرىيەسىزلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كېسەللىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
2. دورا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش
ئۇرۇقنى %25 لىك شىلېشى دورىسىغا چىلاپ تېرىش لازىم. كېسەللىك دەسلەپ پەيدا بولغاندا %27 لىك كۇرزات، نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %05 لىك ئەنكېمېڭ نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ۋە ياكى %35 لىك جىنلېيدومىئېر ، نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش، دورىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش لازىم.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...