يازغى بۇغدايدىن يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

16 2013-01-16 11:22:12   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

1.تەييارلىق: (1) سورت تاللاش: سورتلاردىن شىنجاڭ يازغىسى، سانجى يازغىسى -، شىنجاڭ يازغىسى - 9قاتارلىق ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ئەلا سۈپەتلىك چىلگە سورتلارنى تاللاش كېرەك؛ (2)يەر تەييارلاش: شور نىسبىتى تۆۋەن %2 تىن تۆۋەن، مۇنبەت، سۇ، ئوغۇت ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى يەرنى تاللاپ، ئوبدان ئوسا قىلىپ، ھەر مو يەرنى gk2000 مەھەللىۋى ئوغۇت، gk 10-15 ئۇرېيە، gk 15-18دى ئاممونىي فوسفات  بىلەن ئاغدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاش كېرەك 20-25mc  چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرسا بولىدۇ.
2. تېرىش: (1) باش ئەتىيازدا تۇپراقنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمى ئېرىگەندە mc6~5 چوڭقۇرلۇقتا تىرنىلاپ، نەملىك ساقلاش بىلەن بىرگە تېرىشقا تەييارلىسا بولىدۇ؛ (2)ئۇرۇق بىر تەرەپ قىلىش: ساپلىقى %98 تىن يۇقىرى، پاكىز، بىخلىنىشى %59 تىن يۇقىرى ئۇرۇقنى تاللاپ، %15 لىك ترىئادىمېفون بىلەن دورىلاپ، ھال كېسىلى، قارا كۈيە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ؛دورىنى ئۇرۇق ئېغىرلىقىنىڭ %0.3~%0.2 ى بويىچە ئىشلەتسە مۇۋاپىق؛ (3) مۇۋاپىق بالدۇر تېرىش: يازغى بۇغداي قانچە بالدۇر تېرىلسا، شۇنچە ياخشى. ئادەتتە 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە تېرىسا بولىدۇ؛ (4) تېرىش مىقدارى: مۇۋاپىق تېرىش مۇددىتى ئىچىدە مىڭدان ئېغىرلىقى g 40 بولغان سورتلار ھەر موغا gk22~20بولسا مۇۋاپىق ھەر مېتىرغا 110-125تال ئۇرۇق چۈشسە بولىدۇ. كېچىكىپ تېرىلىدىغان بولسا، ئۇرۇق مىقدارىنى gk2~1 ئاشۇرۇش كېرەك؛(5) تېرىش سۈپىتى: mc4~3 چوڭقۇرلۇقتا، قۇرىنى تۈز، تەكشى قىلىپ، ھىم تېرىش كېرەك.
3.پەرۋىش: (1) ئوغۇتلاش. كۆكىرىش مەزگىلىدە ھەر موغا gk8~5، بوغۇم تارتىش، پوقاق بولۇش مەزگىلىدە ھەر موغا gk10~9 ئۇرېيە بەرسە، چېچەكلەش مەزگىلىدە ھەر موغا g002 كالىي دى ھىدروفوسفات بىلەن g 100 ئۇرېيەنى سۇيۇلدۇرۇپ، يوپۇرماققا پۈركۈسە بولىدۇ؛ (2) سۇغۇرۇش: بىرىنچى قېتىمدا 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، يەنى مايسا 3~2 يوپۇرماق بولغاندا سۇغۇرۇش؛ 2 - قېتىمدا بوغۇم تارتىش، پوقاق بولۇش مەزگىلىدە سۇغۇرۇش؛ 3 - قېتىمدا مايسا ۋە تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، چېچەكلەشتىن سۈتلەنگىچە بولغان ئارىلىقتا سۇغۇرۇش كېرەك؛ (3) ئوتاش. بۇغداي ئېتىزىدا ئوت - چۆپ كۆپ بولسا، ۋاقتىدا ئوتاش، دورا ئارقىلىق يوقىتىشقا توغرا كەلسە، قوش پەللىلىك ۋە تاق پەللىلىك ئوت - چۆپلەرگە بۇتىل  ۋە ئېرجيا سىلۈ  نى ئۆلچەم بويىچە پۈركۈش كېرەك.
4. كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش: بۇغدايدا ئاساسلىقى ئاق توزان كېسىلى، ھال كېسىلى، بۇغداي كۆكپىتى، تىرىپىس قاتارلىق كېسەللىك ۋە ھاشاراتلار پەيدا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر