ئېڭىز ئورنىغا تېرىلغان چىلگە قوناقنىڭ دان ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىق ئېتىز پەرۋىشى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:
قوناق تولۇق پىشىشتىن ئىلگىرى باشاق ئۈستىدىكى يوپۇرماقلارنى ئۈزمەسلىك كېرەك
بەزىلەر قوناق پىشىشتىن ئىلگىرى، باشاق ئۈستىدىكى ۋە غولىدىكى يوپۇرماقلارنى ئۈزۈۋېلىپ چارۋا باقىدۇ. بۇنداق قىلغاندا قوناق تۈپلىرىنىڭ فوتوسېنتىز رولىغا تەسىر يېتىپ، دان ئېغىرلىقى، سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
مايسا پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، يوپۇرماقلارنىڭ بالدۇر سارغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
نورمال پىشقان قوناقنىڭ غولى كۆك، يوپۇرماقلىرى يېشىل بولىدۇ. بۇ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلدىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىش، يەنى قوناق دان تۇتۇشتىن بۇرۇنلا يېتەرلىك ئوغۇتلاش، باش چىقىرىش مەزگىلىدە ھەر مو يەرنى مىڭ كىلوگىرام تولۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت، 5 كىلوگىرام فوسفورلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، بىر - ئىككى قېتىم چاناپ ۋە ئوتاپ، يىلتىزنىڭ سۇ، ئوغۇت سۆمۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
تولۇق پىشقاندا يىغىۋېلىش كېرەك
بەزىلەر يەرنى بالدۇر بوشىتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىشنى كۆزلەپ، بالدۇر يىغىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يىغىۋېلىنغان قوناقنىڭ دېنى تولۇق پىشمىغانلىقتىن، يىگىلەپ قېلىپ، دان ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...