گۆش ئۈچۈن بوردىلىدىغان كالا بازىسىنى قۇرۇشتا بىلىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار

0 2013-01-14 10:00:10   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

1. يادرو كالا پادىسىنى قۇرۇش كېرەك
      ھازىر بار بولغان كالا پادىلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ياخشىلانغان سىممېنتال كالىسىنىڭ يادرو پادىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تەن تىپى ئىكسترېرى، ئىرسىيەت تۇراقلىقىغا ئاساسەن كالا پادىسىنى تاللاش كېرەك. يادرو كالا پادىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، يادرو پادىدىكى كالىلارنى خالىغانچە سېتىشقا بولمايدۇ. بۇ يادرو پادىلارغا مەملىكەت بويىچە يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سىممېنتال بۇقىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىپ، تۇغۇلغان ئەركەك موزايلىرىنى بورداش، چىشى موزايلىرىنى ياخشى بېقىپ، تايانچ كالىلار قاتارىدا يادروسىز پادىلاردىكى كالىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ۋە يادرو پادىلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ، تەدرىجىي كېڭەيتىپ كۆپەيتىش كېرەك.
2. سىممېنتال مېتىس 1 -، 2 - ئەۋلادتىكى كالىلار بىلەن چارولەي ياكى لىموزىن قاتارلىق نەسىللەرنى ئۈچ مەنبەلىك مېتىسلاشتۇرۇپ، مەخسۇسلاشقان گۆش كالىسىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك
      ھازىر بار بولغان كالا پادىلىرىغا نىسبەتەن، مەيلى سىممېنتال بىلەن ياخشىلانغان كالىلار بولسۇن ياكى چارولەي، شورتخۇرىن بىلەن مېتىسلاشتۇرۇپ ياخشىلانغان كالىلار بولسۇن ۋە ياكى يەرلىك كالىلار بولسۇن، ھەممىسىنى بىر تۇتاش يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سىممېنتال كالىسى بىلەن تاللاپ چېتىشتۇرۇش كېرەك. ياخشىلايدىغان سىممېنتال كالىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈت ئۈچۈن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى كۆتۈرۈش ھەمدە چارولەي، شورتخۇرىن قاتارلىق نەسىللەر بىلەن مېتىسلاشتۇرۇپ ياخشىلانغان كالىلارنىڭ ئەي بولۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، يەرلىك كالىلارنى سىممېنتال كالىسى بىلەن كەڭ كۆلەملىك مېتىسلاشتۇرۇپ ياخشىلىغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك كالا مەنبەسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇ ئاساستا بىر پادا ياكى بىر رايوندا چارولەي ياكى لىموزىن قاتارلىق كالىلارنى تاللاپ، ئۈچ مەنبەلىك مېتىسلاشتۇرغاندا، مەخسۇسلاشقان گۆش كالىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ بولىدۇ. چارولەي، سىممېنتال، يەرلىك كالىلاردىن ئىبارەت ئۈچ مەنبەلىك مېتىسلاشتۇرغاندا، چارولەي كالىسىنىڭ يوغىنىشى تېز، سىممېنتال كالىسىنىڭ ئەي بولۇش ئىقتىدارى يۇقىرى، يەرلىك كالىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلانغاندا، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۈچ مەنبەلىك مېتىسلاشتۇرغان كالا پادىلىرىدا تاۋار سۈت ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدۇ. ئاساسلىقى ئۇنىڭ موزايلىرىنى بېقىپ مېتىس ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر