كالىمانتان ئارىلىدىكى ئىللىق بولغان ئۇرانگۇتان دارلىتامى

139 2013-01-11 09:34:02   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئەنگلىيە"قۇياش"1-ئاينىڭ9-كۇنىدىكى خەۋەر،رەسىم ئىچىدىكى بۇ ئۇخلاۋاتقان كىچىك ئورانگۇتان تېخى بۇۋاق ھالەتتە،ئاپىسى ئۆلتۈرۈلگەن سەۋەبىدىن،يېتىم بۇلۇپ قالغان. يېقىندا ئۇ كالىمانتان ئورانگۇتان قوغداش فوندىتى ساغلاملىق مەركىزىدە سۇنىئي ئۇسۇل ئارقىلىق بېقىلۋاتىدۇ.

  كالىمانتان ئارىلى،بۇرۇنقى ئاتىلىشى بۇرنېئو شىتاتى بۇلۇپ،دۇنيا بۇيۇنچە ئۇچۇنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،ئورنى شەرقىي جەنۇبىدىكى يامالەي ئارىلىدىكى ئوتتۇرا قىسمىدا،بۇرۇن بولسا ئورانگۇتانلارنىڭ خوشالىق باغچىسى ئىدى،بىراق قانۇنسىز دەرەخ كەسكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ماكانىنى ۋەيران بولدى،شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن كىچىك ئورانگۇتانلار ئاچ قېلىپ،قارايدىغان ئورانگۇتان يوق يېتىملەرگە ئايلىنىپ قالدى.بۇ يەردىكى ئورانگۇتان قوغداش فوندىتى ساغلاملىق مەركىزى يەنە بىر سالاھىيىتى بولسا ئۇرانگۇتان دارلىتامى،600دىن ئارتۇق ئورانگۇتان بۇ جايدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىنغان.ساغلاملىق مەركىزىدىكى ياردەمچى قىزلار بۇ ئورانگۇتانلارغا ئۆزىنىڭ بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتى،ئۇلارغا تاماق بېرىپ،ئۇلار بىلەن بىللە ئويناپ يەنە ئۇلارنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەممە جەھەتىن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتى.

 كىچىك ئورانگۈتان ئادەتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئاپىسى بىلەن7يىل بىرگە ياشايدۇ،بۇ ساغلاملىق مەركىزى بۇ كىچىك ئورانگۇتانى ئوز ئالدىغا ياشىغىدەك بولغىچە قارايدۇ.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر