ئابدىمىلىك - ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ياغلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى. ئابدىمىلكنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىپ پەرۋىش قىلغاندا ئابدىمىلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنىمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئابدىمىلىكنى تېرىشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، ئابدىمىلىكنى يۇقىرى ھوسۇللۇك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى ھوسۇللۇق ۋە ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى بولغان ياكى ئوتتۇراھال قۇمساڭ ئەت تۇپراقلىق يەرلەرنى تاللاپ تېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تاتلىقياڭيۇ ۋە ئاپتاپپەرەس ئېڭىزىغا تېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تېرىشتىن 3~2كۈن بۇرۇن ئۇرۇقنى ئاپتاپقا ھەمدە ئىككى ئاممونىي فوسفات ئوغۇتىنىڭ 0.2 پىرسەنتلىك ئېرىتمىسىگە چىلاش ياكى 35~25 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىلمان سۇغا 42 سائەت چىلاپ، ئاندىن25~20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئۆيدە 3~2 كۈن دۈملەش ئارقىلىق بىخلاندۇرۇپ تېرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئابدىمىلىكنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
2. تېرىش تېخنىكسىنى ياخشىلاش كېرەك
ئابدىمىلىكنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈشتە تۇپراقنىڭ 5 سانتىمېتىر قاتلىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 سېلسىيە گىرادۇسقا مۇقىملاشقاندا تېرىلىشى لازىم. ئادەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدا 4 - ئايىنىڭ باشلىرىدا، شىمالىي شىنجاڭدا 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تېرىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئادەتتە قۇرلاپ تېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىشى، قۇرلاپ تېرىشتا سىيالكا ۋە ئادەم كۈچى بىلەن رەت ئېچىپ 6~5 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا تېرىلىشى، ھەربىر ئۇۋىغا 4~3 تال ئۇرۇق سېلىنىشى لازىم. سورتى ئېگىز غوللۇق، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى كۈچلۈك بولسا رەت ئارىلىقى 100 سانتىمېتىر، ئارىلىقى 80 سانتىمېتىر، ئەكسىچە بولغاندا رەت ئارىلىقى70 سانتىمېتىر، تۈپ ئارىلىقى 60~50 سانتىمېتىر بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئابدىمىلىكنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
3. ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك
ئابدىمىلىكنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مايسا تاقلاش ۋە بېكىتىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، مايسا 4~3 ھەقىقىي ياپراق چىقارغاندا مايسا تاقلىنىشى، 5 دانە ھەقىقىي ياپراق چىقارغاندا مايسا ھەر مو يەردە 1100~830 تۈپ مايسا قالدۇرۇلۇشى، مايسا ئۈنۈپ بولغاندا، ئېتىزنى تەكشۈرۈپ، ئالا جايلارغا بىخلاندۇرۇلغان ئۇرۇق سىېلىپ مايسا تولۇقلاش ياكى مايسا كۆچۈرۈش كېرەك. مايسا تەكشى ئۈنۈپ بولغاندىن باشلاپ يەرنى 3~2 قېتىم كەتمەن ياكى ماشىنا سايمانلار بىلەن 1814~ سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۇمشتىپ ھەمدە مايسا تۈۋىگە توپا يۆلەپ، ئوت - چۆپلەرنى پاكىز ئوتىۋېتىش، بىرىنچى قېتىمدا ئاساسىي غولىدىكى چېچەكنىڭ تۈۋىدىكى 3~2 تال تارماق شاخنى قالدۇرۇپ، باشقا شاخلار ئېلىپ تاشىنىشى، بىردىن تارماق شاخ قالدۇرۇپ، باشقا تارماق شاخلار ئېلىپ تاشلىنىشى لازىم . ئاساسىي ئوغۇت ئۈچۈن ھەر مو يەرگە چىرىتىلگەن مەھەللىۋى ئوغۇتتىن 2 توننا، ئىككى ئاممونىي فوسفات ئوغۇتىدىن 20~15 كىلوگىرام، ئۇرېيە ئوغۇتىدىن12كىلوگىرام، كالىي ئوغۇتىدىن 5 كىلوگىرام، سىنك ئوغۇتىدىن 1 كىلوگىرام بېرىلىشى؛ قوشۇمچە ئوغۇت ئۈچۈن چېچەك تۆكۈلۈشنىڭ ئالدى - كەينىدە ھەر مو يەرگە ئۇرېيە ئوغۇتىدىن ~108 كىلوگىرام، ئىككى ئاممونىي فوسفات ئوغۇتىدىن 8 كىلوگىرام، مايسا تۈۋىدىن 10 سانتىمېتىر يىراقلىقتا، 10 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا بېرىلىشى، تۇنجى سۈيىنى دەسلەپ چېچەكلىگەندە بېرىش، ئاندىن كېيىن ھەر 1512~ كۈندە بىر قېتىم سۇغۇرۇش، ئاخىرقى سۈيىنى 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا توختىتىش، جەمئىي 5~3 قېتىم سۇغۇرۇش، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن سۇلياۋ يوپۇقنى يېپىۋېلىپ، ئاندىن ئۇرۇق سېلىش ياكى ئاۋۋال ئۇرۇق سېلىپ، ئاندىن سۇلياۋ يوپۇقنى يېپىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئابدىمىلىكنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.