بادام مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

0 2013-01-14 09:56:10   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      باداملىق باغنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئوغۇتلىغاندا، دەرەخنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تېز ئەسلىگە كېلىپ، يېڭى يىلتىزلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چېچەك بىخلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. يەنە بادام دەرەخلىرىنىڭ شاخ ۋە غول قىسمىدا ئوزۇقلۇقنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى، سوغۇققا بولغان چىدامچانلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
      مەھەللىۋى ئوغۇتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، پارچىلىنىشى ئاستا، ئۈنۈم بېرىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقتىن، بادام دەرەخلىرىنى ئوغۇتلاشتا مەھەللىۋى ئوغۇتنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەڭ مۇۋاپىق ئوغۇتلاش ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە بولۇپ، ھەربىر تۈپكە 80~50 كىلوگرام مەھەللىۋى ئوغۇت ۋە 2~1 كىلوگرام خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
      دەرەخ تاجىسىنىڭ يەرگە چۈشكەن سايىسىنى ئاساس قىلىپ، شۇ سايىنىڭ سىرتقى چېگرىسىنى بويلاپ، يېرىم چەمبەر شەكلىدە كەڭلىكى30~25 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلىقى 50~40 سانتىمېتىر بولغان ئورەكنى كولاپ تۈپلەر بويىچە ئوغۇتلاش ياكى دەرەخ غولىدىن سىرتقا قارىتىپ 04~02 سانتىمېتىر كەڭلىكتە چوڭقۇرراق ئورەك كولاپ، ئوغۇتنى ئورەككە تەكشى چېچىپ، كۆمۈش كېرەك. ئوغۇتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئورەكنى چوڭقۇرراق كولاش كېرەك.
      ئوغۇتلاشتا بىرىنچى يىلى ھەربىر رەتنىڭ بىر تەرىپىنى، كېلەر يىلى يەنە بىر تەرىپىنى ئوغۇتلىسا بولىدۇ. سۇغۇرۇش ئېرىقىغا تىكىلگەن بادام تۈپلىرىنى ھەر يىلى ئوخشاشلا بىر تەرەپتىن ئوغۇتلىسا بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر