ياز پەسلى زىرائەت مايسىلىرى ئوڭايلا بويىغا ئۆسۈپ كېتىدىغان مەزگىل. شۇڭا بۇ مەزگىلدە بويىغا ئۆسۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
1.بەك زىچ تېرىماسلىق ھەم %30 مايسا ئۈنگەندىن كېيىن، ئۈستىگە ياپقان نەرسىلەرنى ۋاقتىدا ئېلىۋېتىش كېرەك؛
2. ۋاقتىدا مايسا تاقلاش، ۋاقىتلىق تىكىش ۋە كۆچۈرۈش كېرەك. مايسا ئۈنگەندىن كېيىن پىدىگەن تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا شالاڭلىتىش كېرەك. يەنى ئادەتتە 3~2 قېتىم مايسا تاقلاش، مايسا 2 يوپۇرماق چىقارغاندا ۋاقىتلىق تىكىش، زىچلىقىنى ھەر كىۋادرات مېتىردا 130~120 تۈپ ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك؛
3. ھاۋا ئۆتۈشۈشىنى ياخشىلاپ، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى كونترول قىلىش كېرەك. مايسا ئۈنگەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق تىكىشتىن ئىلگىرى ھاۋا ۋە نۇر ئۆتۈشۈشنى ياخشىلاپ، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى تۆۋەنلىتىپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا مايسىنى چېنىقتۇرۇپ، مايسىنىڭ بەك بويىغا ئۆسۈپ كېتىشىنى كونترول قىلىش كېرەك؛
4. مۇۋاپىق سۇغۇرۇش ۋە ئوغۇتلاش كېرەك. ئوزۇقلۇق توپىسىنى تەييارلاش جەريانىدا فوسفور ۋە كالىي ئوغۇتىنىڭ مىقدارىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئازوت ئوغۇتىنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. مايسىزارلىقنى سۇغۇرۇش ۋە ئوغۇتلاشنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئوغۇتلاشقا توغرا كەلگەندە ئازوت ئوغۇتى بىلەنلا ئوغۇتلىماسلىق كېرەك؛
5. ۋاقتىدا ئىنچىكە تۈپلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەك. پىدىگەن ۋە قوغۇن - قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى تېرىغاندا مايسا كۆچۈرۈشتىن 20 كۈن ئىلگىرى مايسا بەك زىچلىشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا مايسىلارنى مۇۋاپىق يۆتكەپ، چوڭ - كىچىك تۈپلەرنى ئاجرىتىپ، يەككە تۈپلەرنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىنى كېڭەيتىش كېرەك؛
6.دورا ئارقىلىق كونترول قىلىش كېرەك. مايسىدا بويىغا ئۆسۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن سىرت، يەنە %0.2 لىك بوردو ئېرىتمىسىنى بىر ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ تۇمانلىتىپ پۈركۈسە ياكى %50 لىك دىقماقچىنىڭ2500~2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە بولىدۇ.