كېۋەزنى ئوغۇتلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

0 2013-01-11 10:43:09   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      كېۋەزنى ئوغۇتلاش ئادەتتە مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئوغۇتلاش ئۇسۇلى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان. مەھەللىۋى ئوغۇت تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇپراق يۇمشىتىش، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتلىك، ساپ بولۇشىغا ياردەم بېرىش رولىنى ئوينىغاچقا، كېۋەز يېرىنى ھەيدەشتىن بۇرۇن مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن تەكشى ئوغۇتلاش، كېۋەز ئۈنگەندىن كېيىنمۇ سۇنىڭ ئالدىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئوغۇتلاشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش لازىم.
      ھازىر ھە دېسىلا تۇپراقنى قاتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان خىمىيەۋى ئوغۇتقا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، مەھەللىۋى ئوغۇتقا سەل قاراش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ قالدى. كۆپىنچە دېھقانلاردا ئېغىل - قوتانلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، مەھەللىۋى ئوغۇتنىڭ كۆپ ۋە سۈپەتلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، تەييار بولغان مەھەللىۋى ئوغۇتلارنى ئېتىزلىقلارغا ئېلىپ چىقىشنى ئېغىر كۆرىدىغان، ئېلىپ چىقسىمۇ يېتەرلىك بولمايدىغان، كېۋەز مايسىلىرىغا مۇۋاپىق مىقدارىدا مەھەللىۋى ئوغۇت بەرمەيدىغان، ئېغىل - قوتانلاردىن چىققان مەھەللىۋى ئوغۇتلارنى ۋاقتىدا ئىشلەتمەي تەركىبىدىكى كۈچنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قالدى. كېۋەز تېرىغاندا مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن خىمىيەۋى ئوغۇت تۇپراققا ماسلاشتۇرۇلۇپ بېرىش ئارقىلىق كېۋەز مايسىلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنسا كېۋەز تېرىقچىلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.
      كېۋەزنى خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئۇسۇلى بار:
1. سۇ كېچىپ قول ئارقىلىق ئوغۇت چېچىش ئۇسۇلى: بۇ خىل ئۇسۇل بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كۆپ كۈچ، ۋاقىت ۋە جىسمانىي ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان قالاق ئۇسۇل بولۇپ، سۇ كېچىپ ئوغۇت چاچقاندا ئوغۇتنىڭ كېۋەز مايسىلىرىغا تولۇق چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، يەنە ئوغۇتنىڭ مۇناسىۋەتسىز يەرگە چېچىلىپ كېتىش، بەزى مايسىلارغا كۆپ، بەزى مايسىلارغا ئاز چېچىلىپ قېلىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مايسىلارنىڭ ساغلام ئەي بولۇشى، يۇقىرى ھوسۇل بېرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2. ئېچىق ئارقىلىق ئوغۇتنى سۇغا تامچىلىتىپ ئوغۇتلاش ئۇسۇلى: بۇ خىل ئۇسۇل سۇ كېچىپ كېۋەزنى ئوغۇتلاشقا قارىغاندا ئۈنۈمى خېلى يۇقىرى ئوغۇتلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئوغۇتنى ئالدى بىلەن سۇدا ئېرىتىپ تۇڭغا قاچىلاش، تۇڭ ئاستىغا جۈمەك بېكىتىش، ئوغۇت قاچىلانغان تۇڭنى ئېچىق بېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئېقىۋاتقان سۇغا جۈمەكتىن ئېرىتىلگەن ئوغۇتنى تامچىلىتىپ كېۋەز مايسىلىرىغا تەكشى ماڭغۇزۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئېچىق ئارقىلىق سۇ ئېقىۋاتقاندا ئوغۇتنى سۇغا تامچىلىتىپ مايسىلارنى ئوغۇتلاش ئۇسۇلى يېزا ئىگىلىكىدە ئەمەلىيلەشكەندە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىپ جىسمانىي كۈچنى تېجىگىلى، كېۋەز مايسىلىرىنىڭ سۈپەتلىك، ساغلام ئەي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
3. يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كېۋەزنى ئوغۇتلاش ئۇسۇلى: بۇ خىل تېخنىكا يېزا ئىگىلىكىدە تېخى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشمىغان، ئەمما ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئوغۇتلاش ئۇسۇلىغا قارىغاندا ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان يېڭى تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ. تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق كېۋەزنى ئوغۇتلاشتا ئاساسلىقى سۇ قاچىلاش كۆلچىكى بولۇش، سۇ ئارقىلىق ئوغۇت ماڭغۇزىدىغان ئۈسكۈنىلەر بولۇش، يەر ئاستى - ئۈستىگە سۇ ۋە ئوغۇتنى يەتكۈزۈش شىلانكىسى ياتقۇزۇلغان بولۇش، يەر ئۈستىدىكى چوڭ - كىچىك شىلانكىلار ئۆلچەملىك، تېشىلمىگەن بولۇش، يەرنىڭ ئىچىدىكى چوڭ شىلانكىغا ئۇلانغان كىچىك شىلانكىلار ئوتتۇرىسىدىن بوغۇلغان بولۇش، ئىككى باشتىكى شىلانكا ئۇچلىرى ئۆلچەملىك چېگىلگەن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
      تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن كېۋەز تېرىپ، ئېلېكتىر كۈچى ئارقىلىق شىلانكىغا سۇ ۋە ئوغۇتنى بىرلىكتە ماڭغۇزغاندا كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئېگىز - پەس ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەربىر تۈپ مايسىغا قەدەر ئوغۇت بەرگىلى، سۇ تېجەش، جىسمانىي ئەمگەكنى ئازايتىش مەقسىتىگە يېتىپ، ھەر مو يەردىكى كېۋەزنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ تېز بېيىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.
4. يوپۇرماق ئارقىلىق ئوغۇتلاش ئۇسۇلى: كېۋەزنى ئادەتتە تۇپراق ۋە سۇ ئارقىلىق ئوغۇتلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ. كېۋەز غوزىلاپ ئېچىلغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ماشىنا ۋە جىسمانىي كۈچ بىلەن مايسا ئۆستۈرۈش، بوغۇم قىسقارتىش، غوزا يوغىنىتىش دورىلىرىنى ھاۋا ئىسسىمىغان، شامال ۋە بوران چىقمىغان، يامغۇر ياغمىغان ۋاقىتلاردا ھەر 8كۈندىن 10 كۈنگىچە مايسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا قاراپ بىر قېتىمدىن چېچىش، دورىنىڭ ئاز - كۆپلىكىنى كېۋەزگە قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. كېۋەز ئۆسۈپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ئۈسۈشنى تىزگىنلەش، غوزا قۇرتى ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش دورىلىرىنى يوپۇرماق ئارقىلىق ئوغۇتلاشقا ماسلاشتۇرۇپ تەڭ دەرىجىدە چېچىش زۆرۈر.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر