پەن - تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، بىلىم ئىگىلىكى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بىلىم ساپاسى، دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
بىرىنچى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى
»ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكەت پىلان تىزىسى« دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تۈزۈش ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىردەك قوللانغان ئۇسۇل. ئامېرىكا 5891 - يىلى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان »1602 پىلانى« نى يولغا قويدى. ھىندىستان 9991 - يىلى »ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش« دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ياۋروپا بىرلەشمىسى 3002 - يىلىدىن باشلاپ »ياۋروپا تەتقىقات رايونى« ۋە »ئىلىم - پەن ۋە جەمئىيەت« تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ تەدبىرلەر خەلقئارا پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپ سىستېمىلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك پىلاننى تۈزۈشىگە تۈرتكە بولغان.
دۇنياۋى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزمۇ دىققەت - ئېتىبارىنى بۇ جەھەتكە قارىتىشقا باشلىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پەن - مائارىپقا تايىنىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارغا ئاساسەن، 2002 - يىلى 6 - ئاينىڭ 92 - كۈنى مەملىكەتلىك توققۇزىنچى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 92 - قېتىملىق يىغىنىدا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى« ماقۇللاندى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ پەن، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىلىم - پەن بىلەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور رول ئوينايدىغان مۇھىم قانۇندۇر. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىدا دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپلار، تەشكىللىك باشقۇرۇش خىزمىتى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ئاساسىي قىسىملىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كاپالەت تەدبىرى ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. »پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى« نى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىش، ئىلمىي ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش، ئىلىم - پەن روھىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىلىم - پەن بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىككىنچى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر تېز بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى چەت - ياقا رايونلاردا ۋە يېزا - قىشلاقلاردا پەن - تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بۇ جايلارغا ئولتۇراقلاشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى بولۇپ، خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خەنزۇچە كەسپىي ئاتالغۇلارنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش زۆرۈر.
پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار كەسپىي ئاتالغۇلار پائالىيەت شەكلى، مەزمۇنى، ئوبيېكتى ۋە ۋاقىت - قەرەلىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە مەن مۇشۇ ساھەدىكى ئۇزۇن يىللىق خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈم توپلاپ رەتلەپ چىققان كەسپىي ئاتالغۇلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.