بىرىنچى، شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى
شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش نۆۋەتتە »يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار« مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي خاراكتېرلىك خىزمەت بولۇپ، جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساس قىلىنغان يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بولۇپمۇ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش، دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ھەمدە بەلگىلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى يېلسېرى ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا قەدەملەر تاشلاندى.
پارتىيە 71 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېلىمىزنىڭ كەڭ يېزىلىرىغا، بولۇپمۇ شىنجاڭ يېزىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش، يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ بەرگەندىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېھقانلار بازارغا يۈزلىنىپ، بازاردىكى ئېھتىياجغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەڭشەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېزا ئىقتىسادىي خىزمەتلىرىدە ھەل قىلمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سېلىنما كۆپەيسىمۇ كىرىم ئاشماسلىق؛ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ۋە مۇلازىملىق ھەققىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەن بولۇش؛ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يۇقىرى، ئەمما كىشى بېشىغا توغرا كېلىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش؛ مەھسۇلات ئېشىپ كىرىم ئاشماسلىق؛ كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر روشەن گەۋدىلەنمەكتە.
ئىككىنچى، شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر
1. كۆزقاراش ئارقىدا قالغان
بىر قىسىم ئاساسىي قاتلاپ يېزا كادىرلىرى ۋە قىسمەن ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق ئورنى ۋە دۆلىتىمىز OTW غا كىرگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىكى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا تونۇشى يېتەرسىز بولۇپ، جىددىيلىك تۇيغۇسى، كىرىزىس تۇيغۇسى، ئالدىن كۆرەرلىك، شۇنداقلا دېھقانلارنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلەيدىغان يېڭى ئىدىيە، ياخشى چارە كەمچىل بولماقتا. بۇندىن باشقا، يەنە ئايرىم تارماقلار ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىگە ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلمەسلىك، مۇلازىمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ ساقلانماقتا. بولۇپمۇ دېھقانلاردا تەننەرخ قارىشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئېڭىز ئالماشتۇرۇشقا سەل قاراش، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشى، ھوسۇلنى ۋاقتىدا تولۇق يىغىۋالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىماقتا.
2. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يەنىلا تۆۋەن
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى گەرچە ئىلگىرىكىدىن سەل ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرىۋاتقاچقا، دېھقانلار پەقەت باھا ئامىلىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى قىيىن بولماقتا. مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاددىي ھالدا تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
3.داڭلىق، چىداملىق، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نىسبەتەن ئاز
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى يەنىلا تۆۋەن بولغاچقا، رىقابەت كۈچى ئاجىز بولىۋاتىدۇ. ئادەتتىكى مەھسۇلاتلار كۆپ، ئەمما داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى تۆۋەن؛ تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار كۆپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئاز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قۇرۇلما تەڭشەشتە مەلۇم دەرىجىدە بىر خىللىققا يۈزلەنگەن. قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولغاچقا، بۇ مۇقەررەر ھالدا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
4.يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىش دائىرىسى تار
يېزا - بازار كارخانىلىرى قۇرۇلما تەڭشەش ۋە تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولماقتا. ئۇلارنىڭ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلپ قىلىش كۈچى ئاجىز، كىچىك شەھەر - بازار تېخى تەرەققىي قىلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرلەردە ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر كۆپىيىپ، كۆپ ساندىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى يېزىدا قېپقالغاچقا، يېزىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرىلاپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ كىرىم مەنبەلىرىنى ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ بارماقتا.
5. يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى يېتەرسىز
يەرلىك مالىيەدە قىيىنچىلىق بولغاچقا، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى ئاز، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولماقتا. سۇغۇرۇش ۋە ئوغۇتلاش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى تەرەققىي قىلمىغانلىقتىن، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىماقتا.
6. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلىشىش دەرىجىسى يەنىلا تۆۋەن
كۆپ ساندىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ كۆلىمى يەنىلا كىچىك، ئۈنۈمى تۆۋەن، يېتەكلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، دېھقانلارنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايۋاتىدۇ. دېھقانلار پەقەت تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلاتلاردىنلا ئازىراق پايدىغا ئېرىشىپ، باھادا چوڭ كۆلەملىك ئېشىش بولمايۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى، نۆۋەتتە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش زۆرۈر بولغان خىزمەتلەر
1.21 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى نىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش
ئاساسىي قاتلاپ يېزا كادىرلىرى 21 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بۇندىن كېيىنكى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.
2.تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش
مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى سىناق نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، يەرلەرنى دېھقانچىلىق ماھىرلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش، كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، باقمىچىلىق ماھىرلىرىغا چارۋىچىلىق بېجى ۋە قەرز پۇل جەھەتتە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك. بۇندىن باشقا، ھۆددە يېرى ۋە ئەمگەك كۈچى بار، ئەمما سېلىنمىسى يوق دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى دېھقانچىلىق ماھىرلىرىغا پاي قىلىپ قوشۇشقا، چارۋا ماللىرى يوق باقمىچىلارنى چارۋىچىلىق ماھىرلىرىغا ياللىنىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك.
3. ئىشلەپچىقىرىشتا تەننەرخ ھېسابلاشقا ئەھمىيەت بېرىش
يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلات مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تېجەپ، مەھسۇلاتنىڭ بىرلىك تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
4.يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى يەنىمۇ قوللاش
نۆۋەتتە، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلىشىشى ۋە بىر قىسىم ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى قوللاش سالمىقى بارغانسېرى كۈچەيتىلىۋاتىدۇ. شۇڭا يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى قاتمال ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەيۋاتقان رايون ياكى ساھەلەرگە يۆتكىلىپ كىرىم قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
5. كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش
يېزا ئىگىلىكىدە بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي تۈردە بازارغا يۈزلەندۈرۈش، بايلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى رايون دائىرىسىدە سەرخىللاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈش، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق ۋە قوشۇمچە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.