تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن ئالدىراشلىقى بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقتى بىز بىلەن ئۆتەتتى، نەزىرىمدە ئۇ باشقا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشىمايتتى، بىزنى باشقۇرۇپلا يۈرەتتى، بىزمۇ بىرەر ئىشنى ھەل قىلالمىساق ئۇلارنى ئىزدەيتتۇق. ھەش - پەش دېگۈچە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، ئۆزۈممۇ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولدۇم. بىرنەچچە يىللىق سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى جەريانىدا سىنىپ مەسئۇلىغا نىسبەتەن قارىشىمنىڭ ئىنتايىن يۈزەكىيلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەسلىدە بۇ خىزمەت مول بىلىم سەۋىيەگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ياخشى سىنىپ مەسئۇلى بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. گەرچە مېنىڭ سىنىپ مەسئۇلىلىق تەجرىبىلىرىم ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن تۆۋەندە يەنىلا ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
بىرىنچى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى
مەكتەپنىڭ سىنىپ مەسئۇللىرىغا يۈكلىگەن ۋەزىپىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە سىنىپىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلىدە تۇرىۋاتقاچقا، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا تەربىيەلەش بىلەن باشقۇرۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرى تەربىيەلىگۈچى، باشقۇرغۇچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق مىزان ئۈلگىسى، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى باشلامچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى، پىسخىكىلىق توسالغۇنى راۋانلاشتۇرغۇچى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ئېڭىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، مەدەنىيەتلىك تۇرمۇشنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
ئىككىنچى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر
1.ئۆزىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى بايقاشقا ۋە تۈزىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىدىكى ناچار ئىللەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىشى ياكى ئەخلاق جەھەتتە خاتالىق سادىر قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ناچار خاھىش ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى، دەپ بىلىشى كېرەك.
2. ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا ئورتاق ھېسسىيات يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياشلىق دەۋرگە يېڭىدىن قەدەم قويغان بولغاچقا، كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ، ئوڭاي ئاچچىقلايدىغان بولۇپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىنى خالىمايدۇ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرى چوقۇم ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھېسسىيات يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا يېقىنلىشىش ۋە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ئۇلارغا تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تېزراق تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
3. ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداپ، كوللېكتىۋىزملىق شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
ئىززەت - ئابرۇي ۋە كوللېكتىۋىزملىق شان - شەرەپ تۇيغۇسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىلىكىنى يېڭىپ، تىرىشىپ ئالغا بېسىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار جازا ۋە تەنقىد ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرسا، ئۇلاردا ئاسانلا قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى تۈزەتكەندە، چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىززەت - ئابرۇيى ۋە غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى دەل ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ كوللېكتىپنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ۋە سۆزىنىڭ كوللېكتىپنىڭ ئابرۇيىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپنىڭ شان - شۆھرىتىنى قەدىرلەش، ناچار ئىللەتلەرنى تىزگىنلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
4. ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتكەندە، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى ھەم ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيە بېرىشى كېرەك. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ تەربىيە بېرىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرى خىزمىتىگە ئالاقىدار تەكلىپ - پىكىرلەر
1. سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشنىڭ ئاچقۇچى خىزمەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھەقىقىي ئىشلەشتۇر. خىزمەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن ھەقىقىي ئىشلەش ئېيتماققا ئوڭاي بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس، بۇ پىرىنسىپتا بىر ئۆمۈر چىڭ تۇرۇش تېخىمۇ تەس. ئەتىگەنلىك ئوقۇشنى مىسالغا ئالساق، مەكتەپ ئادەتتە سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئەتىگەنلىك ئوقۇشقا ۋاقتىدا كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ تولۇق ئۈچىنچى يىللىق سىنىپ مەسئۇللىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تولۇق ئۈچىنچى يىللىق سىنىپ مەسئۇللىرى ئەتىگەنلىك ئوقۇشتا سىنىپقا كىرىش بىلەنلا سىنىپتىكى ئوقۇش كەيپىياتىنى ۋە سىنىپنىڭ تازىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىپ - كېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازى تۆۋەن، كەيپىياتى سۇس بولسا، دەرس ۋەكىللىرىگە يېتەكلەپ ئوقۇتۇشنى ۋەزىپە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛ بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن بولسا، شۇ ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىلەن ۋاقتىدا سۆھبەتلىشىشى كېرەك؛ سىنىپ تازىلىقى لاياقەتلىك بولمىسا، سەھەرلىك ئوقۇش ئاياغلاشقاندا شۇ كۈنلۈك دىجورنى ئوقۇغۇچىلارغا قايتا تازىلىتىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنتىزامنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
2. ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ خاتىرىسى يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا بىر خاتىرە دەپتەر قالدۇرۇپ، ئۇلارنى نۆۋەت بىلەن كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا يېتەكلەش كېرەك. سىنىپ مەسئۇلى بۇ خاتىرە دەپتەرنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قىلىشى، ھەپتىدە بىر قېتىم قايتۇرۇۋېلىپ كۆرۈپ چىقىشى ھەم ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەۋى خىزمەت ئىشلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا سىنىپ مەسئۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
3. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار پىكىر قىلىشتا ئەركىن بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئىنتىزامنى تۇتۇش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە دەرسخانا ئىنتىزامىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ لاياقەتسىزلىكىنى، سىنىپتا ئىناۋىتىنى تىكلىيەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرى دەرسخانا ئىنتىزامىنى ياخشىلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، سىنىپ كادىرلىرىغا قارىتا تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى تىكلەپ، ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىرلىشىش سەۋىيەسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىرلىشىش ئۇسۇلى ۋە تەدبىرلىرى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، سىناق قىلىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى ئاچقۇچتۇر.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...