چىلاننى قانداق يېگەندە قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟

353 2013-01-04 11:32:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      چىلان كىشىلەرنىڭ قان تولۇقلاش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكى. ئۇنداقتا چىلاننى قايسى ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلسا قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟
      چىلاننى قازاندا قورۇپ قارىدىغاندىن كېيىن دەملەپ ئىچسە، ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كېتىش ۋە ئاشقازان ئاغرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ؛ تۆت تالدىن ئالتە تالغىچە ئالقات قوشۇۋەتسە قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. ئاياللار دائىم چىلان، ئالقات ئىستېمال قىلىپ بەرسە تېرىنى سىلىقلاپ ئاقارتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىراق ئالقاتنى بەك كۆپ سېلىۋەتمەي، ئالتە تالدىن سەككىز تالغىچە سالسا مۇۋاپىق، بۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ئىچىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرسا، كومپىيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغاندا بولىدىغان چارچاشنى پەسەيتىدۇ.
       چىلاندا قازاندا قورمىغان ئەھۋالدا چىلاننى ئېزىپ دەملىسە چىلاننىڭ تەمى، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى ئاستا - ئاستا پارچىلىنىدۇ.
       ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە چىلان، يەر ياڭىقى قاتارلىقلارغا قارا شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، قان تولۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر