كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ھەسەلدىن ئەپچىل پايدىلىنىش

195 2013-01-04 11:30:39   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ھەسەلدىن ئەپچىل پايدىلىنىش

      ھاراق پۇرىقىنى يوقىتىش
      ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە بىر قوشۇق ھەسەل ئىچىپ بەرسە، ئېغىزدىكى ھاراقنىڭ پۇرىقى يوقايدۇ.
      قان ئازلىق
      ھەسەل قان قىزىل ئاقسىلىنى كۆپەيتىدۇ. قان قىزىل ئاقسىلى قىزىل قان دانىچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەسەلدىن باشقا ئانا ھەرە قىيامىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئاچ قوساققا بىر قوشۇق ئانا ھەرە قىيامى ئىچىپ )ئۈچ ھەپتە بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىنىدۇ( بەرسە قان ئازلىققا شىپا بولىدۇ.
      كانايچە ياللۇغى
      ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر تال ھەسەل يىلىمىنى ئېغىزغا سېلىپ، توختىماي چاينىسا ياكى بىر قوشۇق كانتان دەرىخى شىرنىسىنى ئېغىزدا ئاستا - ئاستا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
      چىش مىلىكى ياللۇغى
       چىش مىلىكى ياللۇغلانغاندا، 1~2 گىراملىق ھەسەل يىلىمىنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم چىش مىلىكى ياللۇغلانغان ئورۇنغا قويۇپ بەرسە، تېزلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
      چاچ چۈشۈش
      ھەر كۈنى ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ھەسەل يىلىمى ئىچىپ، ئۇنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرسا ئۈنىمى كۆرىلىدۇ. باھار ۋە كۈز پەسىللىرى ئەڭ ئوبدان پەيتى ھېساپلىنىدۇ.
      گال ئاغرىش
      ئەتىرگۈل بەرگىنى بىر لېتىر سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، سوۋۇتقاندىن كېيىن گۈل بەرگىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا بەش قوشۇق ھەسەل قوشۇپ، كۈنىگە نەچچە قېتىم ئېغىز چايقاپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
      كۆيۈك يارىسى
      ئىككى چوڭ بەرەڭگىنى ئېزىپ قىيما قىلىپ، ئىككى قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم كۆيگەن جايغا چاپلاپ، ئون مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيىۋەتسە كۆيۈك يارىسى تېز ساقىيىدۇ.
      ئاشقازان يارىسى
      ھەر كۈنى ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئىچىپ بېرىش، بۇ جەرياندا مۇۋاپىق يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر