جۇڭشىن تورى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ بېقىلغان ئورانگوتان يېقىندا ئامېرىكا ئوخېئو شىتاتىدا 56ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن.
Coloبولسا غەربى قىسىم پەسكى يەر ئورانگوتانى بولۇپ بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىدا تۇغۇلغان تۇنجى ئورانگوتان ھېسابلىنىدىكەن،ھازىر ئۇ كولۇمبۇ ھايۋاناتلار باغچىسى ۋە سۇ جانلىقلىرى بۆلىمىدىكى Columbus Zoo and Aquariumيېشى ئەڭ چوڭ ھايۋان ئىكەن.
ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار كولو ئۈچۈن ئالاھىدە تورت ۋە تۇغۇلغان كۈن سوغىتى تەييارلىغان ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەمىدورمۇ بار .خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە لوك ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئىيتقان.
لوك 1956-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغاندىن بويان كولۇمبىيە باغچىسىدا ياشاپ كەلگەن ،تۇغۇلغاندا ئۇ 1.5كىلوگرام ئېغىرلىقتا بولۇپ خىزمەتچىلەر ھايۋانات باغچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن كولونى ئاتىغان.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ خىل ئافرىقا ئوتتۇرا قىسم ئېكۋادور ئورمانلىقىدىكى پېرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 30ياشتىن 50ياشقىچە بولىدىكەن .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...