فىزىكا ئوقۇتۇشىدا فىزىكىلىق ئۇقۇم ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەر خىل فىزىكىلىق ئۇقۇملارنى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلغاندىلا، ئاندىن دەرسنى سىستېمىلىق، قىزىقارلىق، جانلىق ئۆتكىلى بولىدۇ.
فىزىكىلىق ئۇقۇملارنى ئۆگىنىش جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكا دۇنياسىنى بىلىشىنىڭ ئاساسى. ئۆگەنگەن فىزىكىلىق ئۇقۇملارنى قوللىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇملارنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، فىزىكىلىق ئۇقۇملارنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش جەريانى بولۇپ، چۈشىنىشتىن ئەمەلىي ئىشلىتىشكە ئۆتۈشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى فىزىكىلىق ئۇقۇملارنى قوللىنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى فىزىكا ئوقۇتۇشىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكەل. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلاردا تۆۋەندىكى قىيىنچىلىقلار كۆرۈلىدۇ:
1. فىزىكىلىق ئۇقۇملارنى تولۇق چۈشەنمەي، قارىغۇلارچە يادلاش.
2. ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى قىسمەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇقۇملارنى پەرقلەندۈرەلمەي ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش.
3.فىزىكىلىق ئۇقۇملارنىڭ مەنبەسىنى چۈشەنمەستىن قارىغۇلارچە ئەستە ساقلاش.
بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:
1.فىزىكىلىق ئۇقۇمنى ئوقۇغۇچىلارغا ماھىيىتىدىن چۈشەندۈرۈپ ئىگىلىتىش كېرەك.
2.دەرسلىكتىكى ئاساسلىق ئۇقۇم ۋە قوشۇمچە ئۇقۇملارنى ئايرىپ، ئاساسلىق ئۇقۇملارنى كۆپلەپ تەكىتلەپ قوشۇمچە ئۇقۇملارنى كۆپ تەكىتلىمەسلىك كېرەك.
3.ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئەڭ تونۇشلۇق ھادىسىلەرنى كۆپلەپ مىسال قىلىش ئارقىلىق سۆزلەنگەن ئۇقۇملارنىڭ قوللىنىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
4. كۆرسەتمىلىك تەجرىبىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.
5.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇمنى بىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...