ياپونىيە ئۆزبېكىستانغا ھەقسىز ياردەم بېرىدۇ

184 2012-12-19 10:50:41   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق تەشكىلاتى (JICA) نىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىلى بىلەن تاشكەنت شەھىرىدە ئۆزبېكىستاننى ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى. ياردەم پۇلى ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، بۇ پۇللار ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتى ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى قەرز پۇل ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستاننى ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەش پىلانىدىكى »كادىرلارنى تەربىيەلەش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرى« نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەزكۇر تۈر 1999 - يىلى يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ئۆزبېكىستان تەرەپ جەمئىي 236 نەپەر خادىمنى ياپونىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ھەرقايسى ماگىستىرلىق تۈرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر