قازاقىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ژامىشېۋ 5 - ئاينىڭ 41 - كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ چەت ئەللەرگە تايىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى چەكلەشنى تەكلىپ قىلىمىز، ئەمما سامرۇق - قازنا دۆلەت پاراۋانلىق فوندى قارمىقىدىكى كارخانىلار، قازاقىستان يېزا ئىگىلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پاي كونترول گۇرۇھى ۋە قازاقىستان دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت ۋە غەيرىي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئومۇمىي مىقدارىغا نىسبەتەن يۇقىرى چەكنى بېكىتىش كېرەك، يەنى PDG نىڭ %06 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. غەيرىي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچەئىقتىسادىي ساھەلەردىكى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىچكى - تاشقى مەبلەغ قەرز ئېلىش چېكىنى بەلگىلىشى كېرەك. بۇندىن باشقا، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ قەرز پۇل ئېكسترېمۇم قىممىتى مىنىستىرلىقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى، چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىچكى - تاشقى قەرز پۇل بەلگىلىمىدىكى تەرتىپ بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇشى كېرەك.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...