مارى شەھىرى <مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى مەدەنىيەت شەھىرى> دېگەن شان - شەرەپكە ئېرىشتى

82 2012-12-14 12:21:53   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئانتروپولوگىيەلىك ھەمكارلىق كومىتېتى، تۈركمەنىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە مارى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى 4 - ئاينىڭ 03 - كۈنى تۈركمەنىستاننىڭ مارى شەھىرىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى مەدەنىيەت شەھىرى دېگەن شان - شەرەپنى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
      مۇراسىمدا تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇلدى. تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: قەدىمىي شەھەر مارى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركمەنىستان بۇ يىل مارى ۋە باشقا شەھەرلەردە مەدەنىيەت ئەربابلىرى، تارىخشۇناسلار، ئەدەبىيات - سەنئەتكارلار قاتناشقان بىر قاتار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى موللاشتۇرۇش، شۇنداقلا تۈركمەن مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
      ئىگىلىنىشىچە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى 2102 - يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى مەدەنىيەت شەھىرىتۈرىنى يۈرگۈزگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. 1102 - يىلى 21 - ئايدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنىدا تۈركمەنىستاننىڭ مارى شەھىرى 2102 - يىللىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى مەدەنىيەت شەھىرى شان - شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر